تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مۇختەر بۇغرا-شەيتان لۇغەت (شېئىر)

شەيتان لۇغەت

مۇختەر بۇغرا


تۇغۇلۇش:

ئامەت ئىچرە كۆڭۈللۈك ئاپەت،

مۇھەببەتكە قارشى مۇھەببەت.


 بالىلىق:

ئەسلىمىدە بۇرۇنقى پەسىل،

‹‹شوخلۇق›› دېگەن ئىسىملا ئېسىل.


ياشلىق:

بەتلەنگىنىچە ئېتىلمىغان ئوق،

نىشانىنى سۆيۈشى سوغۇق.


سۆيگۈ:

ھادىسىدەك خاتا بۇ تۇيغۇ،

قىيالاردا چۈشىگەن ئۇيقۇ.


ئادەم:

باغچىدىكى يەككە ئورۇندۇق،

مۇزرېيدىكى چىرىگەن مەخلۇق.


ئۆلۈش:

بىر مەنىسى-بوسۇغا ئاتلاش،

بىر مەنىسى-دۇنيادىن باتناش.




ئەسلى مەنبەسى: nur.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز