1. بالىلاردا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمىسە، ئۆپكە ياللۇغى ھېسابلانمايدۇ، دەپ قاراش. ئۆپكە ياللۇغلىنىپ قالسىلا بالىلاردا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، دەپ قاراش خاتا. ئەگەر قىش، ئەتىيازدا تارقىلىشچان ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالسا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالسا يۆتىلىش ياكى قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارىسا بولمايدۇ.
2. ئانتىبىئوتىك ۋېنا قېنىدىن سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈش ئەڭ ياخشى تاللاش. دەپ قاراش. كۆپ ساندىكى ئۆپكە ياللۇغى مىكروبلاردىن كېلىپ چىقىدۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇس، خلامىدىيە، مكوپلازما قاتارلىق كېسەللىك ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ. دائىم ئانتىبىئوتىك دورىلارغا تايىنىپ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس.
3. ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى چوڭ، ئەگەر بالا قىزىمىسا ، يۆتەلمىسە دورىنى توختىتىش كېرەك، دەپ قاراش. ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قانچىلىك ئىشلىتىش كېسەللىك ئەھۋالى، كېسەللىك سەۋەبى ۋە بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، دورا ئىشلىتىشتە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلاش، خالىغانچە توختىتىۋالماسلىق كېرەك.
4. دېرىزىلەرنى ئېتىپ بالىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ قاراش. ئۆي ھاۋاسىنى تەڭشەپ تۇرۇش ئۆيدىكى مىكروبلارنى ئازايتىشقا پايدىلىق، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش رولى بار. شۇڭا ئۆيدە بالىلارنى قېلىن كەيدۈرمەسلىك ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.