مۇتەخەسسىسلەر 15 ياشنى تەجرىبىگە قاتناشقۇزۇپ، ئۇلارنى بىر ئويۇنغا تەشكىللىگەن، ئويۇندا ئۈچ كىشى نۆۋەتلىشىپ تاشلانغان توپنى ئالغان، بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن ئويۇنغا قاتناشقان ئىككى ئادەم 3-ئادەمگە توپنى بەرمىگەن، بۇ ۋاقىتتا توپنى ئالالمىغان ئادەمنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئاغرىغان ھەمدە بۇ ۋاقىتتىكى يۈرەك ئاغرىقىنىمۇ داۋالىغىلى بولمىغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ نەتىجىدىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «بىزنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەملىرىمىز (سۆيگىنىمىز، ئاتا-ئانىمىز ياكى دوستلىرىمىز) يۈرەك ئاغرىقىمىزغا داۋا بولىدىغان ئەڭ ياخشى دورا».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ئويۇنغا قاتناشقانلار يوقىتىپ قويۇش بىلەن ئازابلىنىشنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلغان. ئەگەر ئېكراندا ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ ئىسمى چىقسا ھەمدە ئۇلارنى ‹يېنىمدا بار› دەپ قارىسا، ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈرەك ئاغرىقى پەسەيگەن بولاتتى. ئۇلار چەتكە قېقىلغان ۋاقىتتا، يېقىن ئادەملىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا ياكى ئۇلارنى ‹يېنىمدا بار›دەپ ئويلىسا، ئۇلار ئانچە ئازابلانمىدى، مانا بۇ يېقىنلىرىمىزنىڭ بىز ئازاب تارتقان ۋاقىتتا ئازابىمىزنى يېنىكلىتىشتىكى مۇھىم رولى».
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى