ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغان تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن باشقا تاماكا چەككۈچىلەرنى سېلىشتۇرغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 1:8 بولغان . يېمەكلىكلەردىن سەۋزە، بەرەڭگە، پەمىدۇر، ئوسۇڭ، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، لامنارىيە، پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كاروتېن مول. كاروتېن بەدەندە ۋىتامىن A غا ئايلىنىپ، ھۈجەيرىلەرنى قوغداپ، بەدەندە راك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/03/content_495534.htm