شىياۋمى0 201 ىنچى يىلى رەسمى قۇرۇلغان بۇلۇپ، ئەقىلى ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاساسلىق لاھىيلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئوبىيكتى قىلغان كۆچمە ئوچۇر سىستىمىسى شىركىتى.
ئەڭ ئاساسلىق مەھسۇلا: شىياۋمى ئەقىللىق تېلېفون، گۇگۇلنىڭ ئاندىرويىد سىستىمىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ تاتقىق قىلىپ ياسالغان MIUI سىستىمىسى ۋە شىياۋمى سۆزلىشى يۇماشاق دىتالىدۇر. (MI:Mobile Internet )
雷军: شىياۋمى شىركىتىنىڭ CEOسى بۇلۇپ، 2013 ىنچى يىلدىكى شېنجېن ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ مالىيە مەلۇماتىغا ئاساسەن، لېيجۈن شىركەت ئومۇمى پايچەكنىڭ 77.8% ىنى قۇلىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. بۇنىڭغا ئاساسەن شىركەتنىڭ چوڭ قارارلىرىنى بەلگىلەشتە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە. شىاۋمىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بەلكى بۇ ئادەم بىلەن بىر ئاز تۇنۇشۇش كېرەك.
雷军 (لېيجۈن) 1969ىنچى يىلى خۇبېيدا تۇغۇلغان ، 1987 ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتى كومپىيوتېر كەسپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن، كومپىيوتېر تېخنىكىسىدا تالانتى بار بۇلۇپ، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا كومپىيوتېر ساھەسىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان. 1992 ىنچى يىلى دوستى بىلەن بىرلىشىپ< 深入DOS编程 > ناملىق بىر كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان، شىفىرلاش يۇمشاق دېتالى ، سانلىق مەلۇماتلار ئانالىزى دىتالى، ۋىرۇس تازلاش يۇمشاق دېتاللىرىنى ياسىغان، ، كومپىيوتېر توك يوللىرىنى رامىنۇت قىلىش، ياساش بىلەنمۇ شوغۇللانغان، بىر مەزگىل خاككىرمۇ بولغان. دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ三色 شىركىتىنى قۇرغان، ئەمما ياخشى تەرەققى قىلالمىغان بۇلۇپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ئىدى. 1992 ىنچى ىيىلى 金山公司 غا قېتىلغان، كىيىن شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى تەتقىقات شۆبىسى ۋە جۇخەيدىكى تارمىقىنىڭ قۇشۇمچە دېرىكتۇرى بولغان.
1998 ىنچى يىلى جىنشەننىڭ CEO سى بولغان، شۇنداقلا شۇ يلى卓越网 نى قۇرغان. 2007 ىنچى يلى جىنشەن شىركىتىنىڭ پايچىكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن لېيجۈن شىركەتنىڭ دىرىكتۇرلار ھەيئىتىنىڭ قۇشۇمچە باش مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
شىياۋمى شىركىتى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، 2012 ىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپىگە 10 مىليۇن پۇل ئىئانە قىلغان. 2014 ىنجى يىلى فوربىس ژورنىلى تەرىپىدىن 9مىليارد900مىليۇن شەخسى مەبلىغى بىلەن جۇڭگودىكى 8ىنچى باي بۇلۇپ باھالانغان. ئۇ ئىنگىلىز تىلى بىلمەيدۇ، چەتئەللەرگە ناھايتى ئاز چىقىدۇ. 2013 ىنچى يىل بېيجىڭدا خەلىق ۋەكىلى بۇلۇپ سايللانغان بۇلۇپ، شىركەت قانۇنىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.
شىياۋمى شىركىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى
2010 ىنچى يىلى لېيجۈن ئۆز ئادىغا ئىگىلىك تىكلەش نىيىتى بىلەن، گۇگۇل شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ياساش ۋە تەتقىقات تارمىقىنىڭ قۇشۇمچە مۇدىرى، موتوروللا شىركىتنىڭ بېيجىڭدىكى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ لىدىرى، بېيجىڭ پەن تېخىنىكا ئۇنىۋېرسىتى سانائەت لاھىيلەش فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى، ، جىنشەن لوغىتى شىركىتىنىڭ باش دىرىكتۇرى، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تەتقىقات بۆلۈمنىڭ باش لىدىرى ۋە باشقا بىر قانچە كىشى بىرلىشىپ شىياۋمى شىركىتى قۇرغان.
ئۇلار شۇ يىل 8 ىنچى ئايدا MIUI سىستىمىسى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ، شۇ يىلى 12 ىنچى ئايدا بولسا شىياۋمى سۆزلىشى يۇمشاق دىتالىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ .
شىياۋمى شىركىتى ( 启明(上海 دىگەندەك بىر نەچچە خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ ، مەبلەغ جەھەتتىن قىينالمىغان.
2011 ىنچى يىل 1ىنچى ئايدا شىركەت تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ شىركەت مەركىزىنى بېيجىڭغا يۆتكەيدۇ.
2011 ىنچى يىل7ىنچى ئايدا شىياۋمى تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، بازارغا يۈرۈش قىلىدۇ. ۋە MIUI سىستىمىسى ،شىياۋمى سۆزلىشى قۇرالى ۋە شىياۋمى ئەقىللىق تېلېفوننى بازارغا سالىدۇ. 8 ىنچى ئايدا شىياۋمى 1 رەسمى بازارغا سېلىنىدۇ. 9ىنچى ئاينىڭ 6 ىچى كۈنى شىياۋمى تلېفون شىركەتنىڭ تور بىكىتىدە رەسمى بازارغا سېلىنىشى بىلەن، يېرىم كۈن ئىچىدە 300 مىڭ تال تېلېفون زاكاس قىلىنىدۇ، 12 ىنچى ئاينىڭ 18 ىنچى كۈنى تۇنجى قېتىم رەسمى سېتىلىدۇ ۋە 5 مىنۇتنىڭ ئىچىدە 300 مىڭ تال تېلېفوننىڭ ھەممىسى سېتىلىپ تۈگەيدۇ. .
شىياۋمى شىركىتىنىڭ 2013 ىنچى يىلى جۇغلىغان مەبلەغ 1 مىليارد دولللاردىن ئېشىپ كەتكەن. جۇڭگو بۇيىچە خەۋەرلىشىش ساھەسىدە 4ىنچى ، قاتتىق دىتالدا Lenovo كېيىنلا ئىكىنچى ئۇرۇنغا ئۆتكەن.
2014 ىنچى يىلدىكى ئىستاتسىكىغا قارىغاندا جۇڭگودىكى ئەقىللىق تېلېفون ئىشلىتىدىغانلار ئومۇمى تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 70%تىن كۆپرەكىنىى ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ، 46 مىليارد دوللاردىن كۆپ قىممەت ياراتماقتا. دۇنيا بۇيىچە شىياۋمى نى قوللىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 500 مىليۇندىن ئاشىدۇ .
2014ىنچى يىلى شىياۋمى 61مىليۇن 100 مىڭ تال تېلېفون سېتىپ چىقارغان (ئەسلى پىلان 40مىليون ئىدى). (ۋال سترىت گېزىتى)
شىياۋمىنىڭ سېتىلىش مىقتارىنىڭ يىللار بۇيىچە ئېشىشى ئەگىرى سىزىقى تۆۋەندە كۆرسىتىلدى:
مەبلەغ جۇغلاش:
شىياۋمى ئەڭ دەسلەپ 2.5 مىليارد دوللارلىق شىركەت قىممىتىگە ئىگە بۇلۇپ ، 2013 ىنچى يىلغا كەلگەندە 1مىليارد دوللارلىق جۇغلانما مەبلەغكە ئېرىشكەن. 2014 ىنچى يىلىنىڭ ئاخىرى شىياۋمى شىركىتىگە 1.5 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ جۇغلانغان بۇلۇپ، شىركەت قىممىتى بىراقلا 40مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن (فەيسبۇك شىركىتىنىڭ قىممىتى 50مىليارد دوللار)
كىيىنكى يىللاردا شىياۋمىغا مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر:
All-Stars Investment
Russian investment firm DST Global
Singapore sovereign-wealth fund GIC
Alibaba Group Holding Ltd, Mayun
بۇلار ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى چوڭ مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەردۇر. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئىستاتسىكىغا قارىغاندا ، شىياۋمىنىڭ بازار قىممىتى 46 مىليارد دوللارغا يەتكەن بۇلۇپ، ئوخشاش ساھەدە ئەڭ تېز چوڭايغان شىركەت بۇلۇپ قالغان. 46 مىليارد دوللارنىڭ نىمىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى جەدىۋەلگە قارىساق:
بۇ جەدىۋەلدە شىياۋمى بىلەن بازار قىممىتى يېقىنلىشىپ كېتىدىغان شىركەتلەر كۆرسىتىلگەن بۇلۇپ، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى جەھەتتىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئېرىكسۇن ۋە ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق Canon شىركىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ، مۇشۇ سۈرئەت بۇيىچە ماڭسا بەلكى بىر ئىككى يىلغا قالماي 110 نەچچە يىللىق تارىخى بار دۇنيا ئاپتۇموبىل شاھى فورد (58مىليارد 700مىليۇن)دتىن مۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە شىياۋمى بۇ يېقىندىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئوخشاش ساھەدە پائالىيەت كۆرسەتكەن شىركەتلەر ئىچىدە شىياۋمى ئەڭ تېز ۋە كۆپ خېيىم خەتەر مەبلىغى توپلىغان بۇلۇپ، بۇ جەدىۋەلدىن كۆرگىلى بۇلىدۇ:
خەلىقئارادىكى بىر نەچچە شىركەتنىڭ خېيىم خەتەر مەبلەغى جۇغلاش رەتكە تىزغاندا جەھەتتە شىياۋمى بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
خەلىقارا سانلىق ئانالىز ئېنىستىتوتىنىڭ دوكىلتىغا قارىغاندا شىياۋمى باشقا رىقابەتچىلىرىگە قارىغاندا بەكمۇ تېز ئېلگىرلەپ ماڭغان، دۇنيا تېلېفون بازىرىدا 3ىچى چوڭ تېلېفون تەمىنلىگۈچى شىركەتكە ئايلانغان، ئەڭ ئالدىدىكى سېتلىىش سوممىسى ۋە دۇنيا بازار پېيىنى ئىگەللەش نىسبىتى بويىچە رەتكە تىزغاندا:
بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، شىياۋمىنىڭ سېتىپ چىقىرىلىش مىقدارى ۋە خەلىقئارالىق بازار پېيىنى ئىگەللەشتە كىيىنكى ئىككى يىلدا ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى، رىقابەتداشلىرىنىڭ بولسا ئېشىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش بۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە بۇلىدۇ.
ۈتۈن دۇنيا بازىرىدىكى تېلېفونلارنىڭ 5.6% نى شىياۋمى ئىگللەيدۇ دېگەن ئاددى گەپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەدىۋەلدىن شىاۋمىنىڭ دۇنيا بازىرىدكى رىقابەتچىلىرىنىڭ بازار پېيىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ كىچىكلەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ.
دۇنيا بازىرى ۋە جۇڭگو ئىچىدىكى سېتىپ چىقىرىش مىقتارىنى سېلىشتۇرغاندا:
بۇ دىئاگىراممىدىن كۆرەلەيمىزكى، 2013 ىنچى يىل سامسۇڭ جۇڭگو بازىرىدا ئەڭ كۆپ سېتىپ چىقىرىلغان بولسا، 2014 ىنچى يىلغا كەلگەندە شىياۋمىنىڭ ئارقىسىدا قالغان. 2014 ىنچى يىلى شىياۋمىنىڭ سېتىپ چىقىرىش جەھەتتە جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى، دۇنيا بازىرىدا 6ىنچى ئۇرۇنغا ئۆتكەن.
شىياۋمىنىڭ ئاساسلىق تېخنىكا يېڭىلىقى جەھەتە بۆسۈش ھاسىل قىلغان مەھسۇلاتلار:
MIUI سۆزلىشىش قۇرالى،
MIUI سىستىما ، taxi-booking app ،
تېلېۋىزۇر، ئنىتېرنېت روتېرى (路由器)، قول تېلېفون
تېلېفوننىڭ ID سىستېمسنى موتوروللا شىركىتىدىن كەلگەن قاتتىق دېتال تېخنىكا گۇرۇپپىسى، تېلېفوننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشنى فوكسون (富士康) ۋە يىڭخۇادا (英华达) ئۈستىگە ئالغان . ئاساسى سىتىمىسنى شىياۋمى شىركىتى لاھىيلىگەن. 1G RAM لىق ئىچكى سىغىم، مىكرو كارتا ئارقىلىق 32GB ياكى GB64 قىچە كىڭەيتكىلى بۇلىدىغان 4GB ROM ، سۈرئىتى GHz1.5 لىق يۇقىرى سۈرئەتلىك قوش ياكى 4 يادرولۇق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ، 480×854 پىكسەللىك يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ئىكران، 13 مىليۇن پىكسەل ئېنىقلىقتىكى كامېرا دىگەندەك نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان دىتاللار ئىشلىتىلگەن.
ستراتىگىيە جەھەتتە:
1. سېتىش: توردىن بىۋاستە سېتىش، سېتىش قانىلى تەننەرخى يوق
2. قاتتىق دېتال تەننەرخ باھاسى تۆۋەن، تېخنىكا ئىلغار
3. بازار ئورنى: تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجەگە كۆچۈش ( تۆۋەن باھادىن يۇقىرى باھاغا)
4. تالاتلىقلارنى ئىزدەش : ئادەم كۈچى بايىلىقى بۆلۈمى 80 % ۋاقىتنى تالانتىقلارنى بايقاشقا سەرىپ قىلىدۇ. خىزمەتچىلەر يېڭىلىق يارىتىش ۋە كوللىكتىپچانلىق ئېڭى كۈچلۈك، قىزغىن، تېخنىكىدا پىشقان، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 42 بۇلۇپ، گۇگۇل،موتوروللا، مىكروسوفىت ، جىنشەن دېگەندەك شىركەتلەردىن كەلگەن.
5. يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، سىستىمىنىڭ يېڭىلىنىشى ئاساسەن ھەپتىدە بىر قېتىم. ( ئاندىرويىد ۋە باشقا سىستىمىلار بەك ئاستا يېڭىلىنىدۇ)
6.بازارغا كىرىشتىكى ئالاھىدىلىكلەر:
تەشۋىقات تارقىتىش مۇتخەسىسى Rogers نىڭ“ يېڭىلىقنىڭ تارقىلىىش “ ئىسىملىك كىتابىدا يۇقىرقى رەسىملىك دىئاگىرامما بېرىلگەن بۇلۇپ، ياخشى بىر يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدە ئاۋال بازاردىكى 2.5% نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان ئالدىنقى قاتار ئىستىمالچىلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنى 13.5% تېز قۇبۇل قىلغۇچى ئىستىمالچىلارغا يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ. كېيىنرەك بۇ يېڭى مەھسۇلاتقا كۆنۈپ، سېتىۋالدىغانلار بولسا 68% نى ئىگەللايدىغان بۇلۇپ، بۇلار ئاساسى ئېقىمدىكىلەردۇر. شىياۋمى بازارغا كىرگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتتىلا ئاۋال تېز قۇبۇل قىلغۇچى ئېقىمدىكى ئىستىمالچىلارنى جەلىپ قىلىپ بولغان، ئاساسى ئېقىمدىكى ئىستىمالچىلار بولسا كىيىنكى 3 يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن ئېشىپ بارغان. كىشىلەرنى جەلىپ قىلغىنى ئاساسلىقى بۇ تېلېفوننىڭ باھا، سىرتقى لاھىيلىنىش، تېلېفوننىڭ ئىقتىدارلىرى جەھەتتىكى باشقا تېلېفونلارغا ئوخشىمايدىغان ئەۋزەللىكلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تېلېفوننى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كۆچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىجابى باھالارمۇ، بۇ تېلېفوننىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا شىياۋمى تېلېفوننىڭ سېتىش ستراتېگىيسى “ بازارنى ئاچ قۇيۇپ سېتىش“ بۇلۇپ، كۆپىنچە خېرىدارلار سېتىۋالىمەن دەپمۇ سېتىۋالالمايدۇ، دەسلەپ بازارغا سېلىنغان بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا سېتىلىپ تۈگەپ، بازاردا پەقەت باشقا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىلەن كىلىشىملىك تېلېفونلا قالىدۇ. بۇ خىل كېلىشىملىك تېلېفونلار پەقەت شۇ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تېلېفون كارتىسىنى قوللانغاندا G 3 ياكى 4 G ئىنتىرنېت، باشقا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ كارتىسىدا G2 ئىنتېرنېت ئېقىمى ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.
شىركەت يەنە مەبلەغ سېلىش بىلەنمۇ شوغۇللىنىدىغان بۇلۇپ، قاتتىق دېتال ساھەسىدىكى 100 چوڭ شىركەتكە سالغان مەبلىغىنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. مەبلەغ سېلىش ئىدىيسى بولسا ئاچكۆزلۈك قىلماسلىق، بىر ساھەگە مەركەزلىشىش، زىيادە كېڭىيىپ كەتمەسلىك، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت.
ئاساسلىق رىقابەتچىلىرى: خۇاۋېي، Lenovo، ZTE لاردىن ئىبارەت.
شىياۋمى 美的 ) medea) گۇرۇھى (زەنجىرسىمان ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شوغۇللىنىدۇ) بىلەن ئىستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقان، ئىنتېرنېت روتېرىنى سېتىشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان .
ئەۋزەللىك جەھەتتەباھاسى iPhone 6 Plus دىن ئەرزان(باھاسى تەخمىنەن يېرىمىغا تەڭ)، تېخىمۇ يىنىك(161گىرام ئەتراپىدا)، تېخىمۇ نىپىز، سۈپىتى ياخشى، كامېرا ئېنىقلىقى يۇقىرى(note شىياۋمى 13مىگا پىكسەل، iPhone 6 Plus بولسا 8 مىگا پىكسەل ) بۇلۇشتەك ئالاھىدىكلىككە ئىگە. بۇ ئالاھىدىلىك شياۋمىنى بازاردا باشقا ماركىلارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە قىلغان.
دۇچ كەلگەن خرىسلار:
قانداق قىلىپ تېخىنىكا ۋا لاھىيلەش جەھەتتە باشقا ماركىلارغا ئوخشاپ قالماسلىق، شىياۋمنىڭ تېخنىكا يېڭىلىقى جەھەتتىكى دوچ كەلگەن خىرىسلارنىڭ بىرىدۇر.
خەلىقئارا بازارغا كىرىشتە يۇلۇققان قىيىنچىلىقلاردىن بىرى شىۋىتسىيەنىڭ Ericsson شىركىتى بىلەن بولغان داۋا بۇلۇپ، Ericsson شىياۋمىنى تېخنىكا تەتقىقات جەھەتتە پاتنېت ھۇقۇقىنى قوللىنىپ ، ھىندىستان بازىرىدىكى سېتىش كىرىمىنىڭ 2.5%نى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەرز قىلغان. بۇ يىل 2ىنچى ئايدا Ericsson يەنە ئالما ماركىلىق تېلېفوننىمۇ ئوخشاش سەۋەپ بىلەن ئەيىپلەپ ئەرز قىلغان. بۇ داۋا نەتىجىسىدە شىياۋمى ھىندستان بازىرىدىكى سېتىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان . ئەڭ يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا شىياۋمى ھەر بىر تېلېفوننىڭ سېتىش كىرىمىدىن 9.7 يۈەن قىممىتىدە تۆلەم بېرىش شەرتىگە قۇشۇلغان ۋە بازار قايتا ئېچىلغان.
خەلىقارا بازارغا كىرىش جەھەتتە:
شىياۋمىنىڭ بۇ يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە سېتىپ چىقىرىش مىقتارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قېلىشتىن ئەنسىرەۋاتقان بۇلۇپ، بۇرۇنقىدەك ئۆسۈشنى ساقلاش ئۈچۈن ئىككى تەدبىرى بار: بىرى قاتتىق دېتال جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش، يەنە بىرى خەلىقئارا بازارغا يۈزلىنىش.
تېخنىكا يېڭىلىقى جەھەتتە شىياۋمىنىڭ تەييارلىقى پۇختا بۇلۇپ، 2015 ىنچى يىلى ئەڭ ئاز 1300 پاتنېتقا ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ھەم تېخنىكا يېڭىلىقىنى ئۈزۈپ قويماسلىق پىلانى بار.
خەلىقئارا بازارغا كىرىش جەھەتتە ئاللىقاچان شەرىقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە يۈرۈش قىلغان بۇلۇپ ، نۆۋەتتە شىياڭگاڭ، تەيۋەن، مالايسىيا، ھىندىستان ۋە سىنگاپۇر بازىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ، سېتىلىش ئىنتايىن تېز ، سىنگاپۇردا تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنىپ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە نەچچە مىڭ تال تېلېفۇن سېتىلىپ بولغان. بۇيىل 3ىنچى ئايدا شىياۋمى سىنگاپۇر بازىرىدا 3ىنچى قېتىم سېتىش ئېلىپ بارغاندا، سېتىش باشلىنىپ 8مىنۇت ئىچىدە 5000 تال تېلېفون سېتىلىپ تۈگىگەن.
شىياۋمى بۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇلۇپ، ئاۋال تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، ئاندىن كىرمەكچى ئىكەن. ئامېرىكا بازىرىغا كىرسە ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئەرزان ھېسابلانغان ئالما ماركىلىق تېلېفون بىلەن شىددەتلىك رىقابەت قاينىمىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، شىياۋمى بۇيىل 4ىنچى ئايلاردا رۇسيە ، تۈركىيە، بىرازىلىيە، مېكسىكا، تايلاند، فىلىپىن دىگەندەك 10 دۆلەت بازىرىغا كىرىشنى پلانلاۋاتىدۇ.
دۆلەتلىك سودا مېنىستىرلىكىنىڭ4 201 ىنچى يىللىق دوكىلاتىغا قارىغاندا ئاخىرقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە جۇڭگو ئىچىدە ئەقىللىق تېلېفون قوللىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بۇلۇپ، ئەقىللىق تېلېفونلار بازاردىكى ئومۇمى تېلېفوننىڭ 70%نى ئىگەللەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىنكى مەزگىلدىكى G 4 ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ ئەقىللىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن.
شىياۋمىنىڭ باش كۆتۈرۈشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
شىياۋمىنىڭ باش لىدىرى لېيجۈن 2015ىنچى يىل ئۈچۈنچى ئاينىڭ بېشىدا خېيلۇڭجىياڭدا ئېچىلغان ئون بەشىنچى قېتىملىق جۇڭگو كارخانىچىلار مۇنازىرە يىغىنىدا شىياۋمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى مۇنۇ ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلىغان: ئېلىكتۇرۇنلۇق سودا، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا كۈچەپ تەشۋىق قىلىش، ئەقىللىق تېلېفون بىلەن تولغان بازار مۇھىتى.
لېيجۈن يىغىندا جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى باھاسىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىدۇر، ئەمما تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ بازارنى ئېچىش ۋە بازارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش تېخىمۇ كۆپ سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ، دەپ ئېيتقان. ئۇ يەنە مەھسۇلاتلارنىڭ تۆۋەن پايدا نىسبىتىنى كونترول قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكىنى، ياساش سانائىتىدە جۇڭگونىڭ ئەقىللىق تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئەڭ پارلاق بۇلىدىغانلىقىنى، شىياۋمىنىڭ دۆلەت ئىچىدە خۇددى كورىيەنىڭ سامسۇڭ، ياپۇنيەنىڭ سونى ماركىسىغا ئوخشاش ۋەكىل خاراكتىرلىك ھەم دۆلەتنىڭ ياساش سانائىتىنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭالايدىغان باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھازىر ياساش سانائىتىدىكى شىركەتلەرنىڭ ۋەيران بۇلۇش دولقۇنى ھەققىدە ئەنسىز خەۋەرلەر ئېقىپ يۈرمەكتە. دۆلەت ئىچىدە تۇيۇنۇپ خەلىقئارا بازارغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولغان جۇڭگونىڭ ياساش سانائىتىدىكى كارخانىلىرى چۇقۇم دۆلەت سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك . دىققەت قىلىدىغان بولساق، جۇڭگونىڭ شەخسى كارخانىلىرىنىڭ تارىخى ئاساسەن 35 يىلدىن ئاشمايدۇ. ئەمما چەتئەللەردىكى 100 نەچچە يىللىق تەجىربسى بار كارخانىلارغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ تارىخى تەدبىرى ئۆزگىچە…
قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولمىغان شىركەتلەر نورمالدا تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشتا ئاجىز بۇلىدۇ، باشلىنىشتا، بۇلۇپمۇ 90ىنچى يىللاردا كارخانىلار ئاز، ئىستىمال تەلىپى كۈچلۈك، نۇپۇس كۆپ بولغاچقا ناچار شىركەتلەرمۇ چوڭىيالىغان، ئەمما شىركەتلەر كۆپىيىپ رىقابەت كۈچەيگەندە يېڭىچە ئىستىراتىگىيەگە ئېھتىياجى چۈشكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ھەم خەلىقئارالىشىش ھەم تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشنى ئۈگۈنۈشتىن ئىبارەت بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سۇقۇش ئۈچۈن، دۆلەت قەرز مەبلىغى ۋە ئستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، ئاندىن چەتئەللەردىكى داڭلىق ماركىلىق، تەجىربىلىك، ئەمما مالىيە قىيىنچىلىقى بولغان شىركەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا ۋە تەجىربىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىدۇ.
مەسىلەن 2004 ىنچى يىلى TCL گۇرۇھىنىڭ فىرانسىيە Thomsonتىلۋۇزۇر ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى سېتىۋېلىىشى،خەيئېر نىڭ ئىتالىيە Meneghetti توڭلاتقۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيسىنى ۋە گىرمانىيەنىڭ Leibherr’in شىركىتىنى سېتىۋېلىپ تەتقىقات بۆلۈمىنى ئۆز پېتى قوللىنىشى، Lenovo نىڭ دەسلەپتە ئامېرىكا KingstonTeknoloji بىلەن ھەمكارلىشىپ كېيىن IBMنى سېتىۋېلىشى، خۇاۋېي نىڭ گوللاندىيە Vodafone بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپلا Vodafone پائالىيەت ئېلىپ بارغان 140 نەچچە دۆلەتكە بىرگە كىرىشى، جىلى نىڭ شىۋىتسىيە داڭلىق ماركىسى بولغان Volvo نى پۇل مالىيە كىرزىسىدىكى قىيىنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشى ۋە تېخنىكىسىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىشى دېگەندەك.. بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ. ھەر بىر قېتىملىق خەلىقئارا بازارغا كىرىشتە ھۆكىمەتنىڭ مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئىتىۋار بېرىش ۋە زور مىقتاردىكى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلكىنى، نەتىجىدە تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشنى ئۈگۈنۈپلا قالماي يەنە جۇڭگونىڭ سۈپەتسىز ۋە ئاجىز ماركىسىنى كۈچەيتىپ دۇنياغا يۈزلەندۈرگەنلكىنى كۆرەلەيمىز.
ئەمما شىياۋمى ئوخشىمايدىغانلا بىر ئەھۋال بىلەن ئوتتۇرغا چىقتى. شىياۋمىنىڭ چەتئەللەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىدا ئەۋزەللىكى بار شىركەتلەرنى سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجى يوق. بۇ ھەقتە لېيجۈن Lenovo نىڭ موتوروللانى سېتىۋېلىشىنى مىسال قىلىپ ئېنىق قىلىپ شۇنداق ئېيتقان: موتوروللا Lenovo نىڭ خەلىقارا بازارغا تېز سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بىرەلەيدۇ، Lenovo نىڭ خەلىقارالىق شىركەتلەرنى سېتىۋېلىشتا تەجىربىسىمۇ بار، ئەمما شىياۋمىنىڭ خەلىقارا بازاردىكى ئەۋزەللىكى تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بۇلۇپ، ئۇزاقنى كۆزلەيمىز…
لېيجۈن يەنە شىاۋمىنىڭ ھازىرقى ئېشىش سۈرئىتىگە قارىغاندا 10 يىلدا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىللىق تېلېفون ئىشلىگۈچى بۇلۇشتىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتقان.
شىياۋمىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى جۇڭگونىڭ ياساش سانائىتىدىكى ۋە تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر. شىياۋمىنىڭ ياساش كەسپى بىلەن ئىنتېرنېت تېخنولوگىيسىنى بىرلەشتۈرىشى(توردا سېتىش ۋە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش)، مەبلەغ جۇغلاش جەھەتتىكى قابىليىتى ھەقىقەتەن دۇنيادىكى نۇرغۇن كارخانىچىلارنى ھەيران قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋېنجۇ ۋە گۇاڭدۇڭدىكى بىر قىسىم تېخنىكا يېڭىلىقى ۋە باشقۇرۇشتا بولغان مەسىلە تۈپەيلى ۋەيران بۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ياساش كەسپىدىكى شىركەتلەرگە پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ يۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى.
(سان سىىفىرلار ئىمكان بار نۇپۇزلۇق ژورناللاردىن ۋە رەسمى تور بەتلەردىن ئېلىندى، بەلكى بەزى خاتالىقلار بۇلىشىمۇ مۇمكىن، تەنقىدى پىكىرلەر قارشى ئېلنىدۇ، ئۆزۈم تەييارلىغان)