ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «بەدەندىكى ياغ ئانىلىق ھورمۇنغا ئايلىنىدۇ، بۇ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلگەن قىزلارنىڭ تۇخۇمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئانىلىق ھورمۇن بىلەن ئوخشايدۇ، بەدەندە ياغ كۆپ بولسا ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ - دە قىزلارنىڭ جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بېسىم كۈچىيىپ كەتسىمۇ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشكە سەۋەب بولىدۇ؛ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، يەتتە ياشقا كىرگەن %15 قىزنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەچكە، كۆكسى چىقىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئائىلە زوراۋانلىقىمۇ بېسىمنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، يەنە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرمەيدىغان قىزلارمۇ جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يىتىلىپ كېتىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىپ قالغان قىزلار يەنە جىمغۇرلۇق كېسىلىگە مۇپتىلا بولىدۇ، ئۇلاردا يەنە زەھەر چېكىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ بۇنداق قىزلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن سۈت بېزى راكى ياكى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ. شۇڭا قىزلار چوقۇم ئورۇقلىمىسا، ئاتا - ئانىلار بالىلارغا پىسخىكىلىق يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىشنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بولمايدۇ».