ياشلىق دەۋرنىڭ بوسۇغۇسىدىكى قىزلارنىڭ سۆڭەك تەركىبىدە سۆڭەك ماددىسىنىڭ رولى تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا سۆڭىكىنىڭ شەكلىدە ئاسانلا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى ئاساسلىق پۇتنىڭ ئالقىنىغا چۈشىدۇ –دە ، بۇنىڭ تەسىرى داس سۆڭىكىدە كۆرۈلۈپ، داس سۆڭىكى بوشلۇقىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرىدۇ، بۇ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن بالا توغۇشىغا نىسبەتەن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، داس سۆڭەكتە ئاسان سەزگىلى بولمايدىغان ئورۇن يۆتكىلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۆڭەك ھالقىلىرىنىڭ نورمال بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاخىرىدا داس سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىدە غەيرىي شەكىلگە كىرىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى قىزلار كىيىشكا ئالدىرىمىغىنى، بولۇپمۇ تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن قىزلارنىڭ بۇنداق ئاياغقا ئالدىراپ ھەۋەس قىلمىغىنى ياخشى.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/07/content_486024.htm