قەغەز قېيىق
(بالىلار ھەرپلىك قوشاقلىرى)
ئەخمەتجان ئابدۇللا
باتۇر بارماق
بەش بارمىقىم بىرلىشىپ،
بازغان بولدى.
بۇزۇقلارنىڭ بۇرنىغا،
بارغان بولدى.
بۇزۇقلارنىڭ ‹بۇلاق›لىرى،
بۇلدۇقلىدى.
-بۇلۇدۇق...بۇلۇدۇق...
بەش بارماقتا بۈيۈككىنە،
بىرلىك بولدى.
-بىلدۇق...بىلدۇق...
بىرلىشەيلى بىز بالىلار،
بەش بارماقتەك.
بوي-بەستىمىز باتۇرلۇققا،
بولسۇن بېزەك.
قونچاق قۇش
قىزىم قىزىل قەغەزنى،
قاتلاپ قوش-قوش.
قىيىۋاپتۇ قايچىسىدا،
قونچاق قۇش-قۇش.
-قارا، قارا قونچىقىم،
قانات قاقتى.
قاھ...قاھ...قىلىپ قولۇمدا،
قوشاق قاتتى.
-قىزىم قانداق قىلدىڭىز؟...
-قىيىۋالدىم قەغەزدە.
-قېنى، قېنى قۇشىڭىز؟...
-قەلبىمدىكى قەپەزدە.
- قاراڭغۇدىن قورقمامدۇ؟...
- قورقمايدۇ ، يا قورقمايدۇ.
قۇياشلىرىم قېشىدىن،
قوپمايدۇ، يا قوپمايدۇ.
قاق... قاق... قاق...
قەدىمىم قاياق؟...
قايسى قازناقتا،
قويدۇڭلار قوناق؟...
....
-قاغا قوندى قاشاغا،
-قوغلايلىچۇ، قوغلايلى.
-قورقمىسۇن قۇشىڭىز،
-قوپۇڭ قىزىم، قوغدايلى.
قۇشىڭىزنى قۇل قىلساق،
قاغا قاپاققا.
قىينايدۇ قان– قېنىدىن،
قاداپ قاماققا.
-قۇمدىن قەلئە قوپۇرۇپ،
قورغان قۇرايلى.
قاغا، قۇزغۇن قەھرىگە،
قاپقان قۇرايلى.
قاباھەتتىن قۇتۇلسۇن،
قىزىم قۇشىڭىز.
قەلبلەرگە قوشۇلسۇن،
قۇچقان قۇتىڭىز.
ئەدەپ –ئەخلاق
ئەدەپ –ئەخلاق ئەزەلدىن،
ئەنئەنىدۇر ئەجدادقا.
ئەتىۋارلىق ئەڭگۈشتەر،
ئەتىدىكى ئەۋلادقا.
ئەيمىنىدۇ ئەخلاقتىن،
ئەتراپتىكى«ئەخلەت»لەر.
ئەزىزلىمەس ئەبەدكە،
ئەخلاقىنى ئەخمەقلەر.
پوچى پاقا
پەيشەنبىدە پاراڭلاشتى،
پاختەك، پاقا.
پۈۋلىدى پو، پوچىلىقتا
پۇشتەك پاقا.
پاقا پۇرسەت پايلىغاندا،
پاراغەتكە.
پاختەك پىلان پۈتتۈردى،
پاراسەتكە.
پەرۋازلىدى پەلەكتە، پاھ!...،
پۈتۈن پاختەك.
پاشا پۈۋلەپ پەسلەشتى،
پاقا پاخشەك.
تەتۈر تىزما
توشقان تۇغدى تاشلىققا،
تۆت تال تۇخۇم.
توخۇ تاغدا تۈلكە تۇتتى،
توققۇز تۇيۇم.
تېرەكلەرگە تاغاچ تولدى،
تەمى تاتلىق.
تەكلىماكاننىڭ تۈنىكىنى،
توستى تاملىق.
تۇغۇلمىغان تەخەي تەپتى،
تۆگىمىزنى.
تاپالمىدىم تۆگىگە تەڭ،
تۈگمىمىزنى.
زىراپىنىڭ زارى
زەنجىرلەپتۇ زومىگەرلەر،
زىراپىنى.
زورلاپ زەخمەت زۇلۇمىدا ،
زىباتىنى.
زوقلانغانغا زىلالىگۈل،
زەنجىرىدىن.
زارلىنىپتۇ زىراپە زەپ،
زەمچىسىدىن.
زەر زەنجىرى ــــ زىبۇ-زىننەت،
زىلالىگە.
زەي زەنجىرى ـــ زەربە-زۇلمەت،
زىراپىگە.
قەغەز قېيىق
قاتلايمىزا-قاتلايمىز،
قەغەز قېيىق قاتلايمىز.
قونۇپ قەغەز قېيىققا،
قەشقەرلەرگە قاتنايمىز.
قاغىلىقتا قۇملۇقتا،
قويۇن قوپسا قورقمايمىز.
قورققانلارنى قوشۇنغا،
قېيدىسىمۇ قوشمايمىز.
قاراقاشقا قايتقۇچە،
قاتار-قاتار قوناقلىق.
قىزىقمىكەن قاتنىسا،
قۇرۇقلۇقتا قولۋاقلىق.
مۇئەللىم
ماكانلاشتىڭ مۇنبەرگە،
مېھنىتىڭدىن مۇئەللىم.
مۇددىئايىڭ مۇستەسنا،
مىننىتىڭدىن مۇئەللىم.
مېھرى مۇنبەت ماكاندۇر،
مىللىتىمگە مەكتىپىڭ.
مىليونلىغان مايسىنى،
مېۋىلىتىش مەقسىتىڭ.
مەدەتكارىڭ مەرىپەت،
مەجبۇرىيىتىڭ مۇقەددەس.
مەدھىيەگە ماڭدۇردۇم،
مۇئەللىم، مەن مۇخەممەس.
كىرپىباينىڭ كۈچۈكى
كەپىسىدە كاسىلدايدۇ،
كاپ-كاپ كۈچۈك.
كاساپەتنىڭ كۆزلىرى كۆك،
كەيپى كۈچلۈك.
كاپ-كاپ كۈچۈك كىمنىڭكى؟
- كىمبىلىۋاينىڭ...
- كونا كەپە كىمنىڭكى؟
- كىرپىباينىڭ...
كىرپىبايۇ، كىرپىباي،
كۆنۈپ كەتكەن كىرپىباي.
كۈچۈكىنىڭ كۈيىدىن،
كۈلۈپ كەتكەن كىرپىباي.
كىرپىباينى كىم كۆردى؟...
- كېرىيەلىك كۆرگەندۇ.
- كۆرسەتكىلى كۈچۈكنى،
كورىيەگە كەتكەندۇ.
كەلمىسۇنا ، كەلمىسۇن،
كەچكۈزدىمۇ كەلمىسۇن.
كەپسىز كاسكى كۈچۈكنى،
كۆزلىرىمىز كۆرمىسۇن....
نان نەزمىسى
ناۋايلىققا نېسىپ نەسەپ-
نامىمىز.
ناشتىلىقتا نازۇ-نېمەت،
نانىمىز.
ناندا نۇسرەت، ناندا نىيەت،
نازىمىز.
نۇرلانغۇسى ناندا ناۋا-
نالىمىز.
ھورۇن ھۆپۈپ
ھەۋەسلىنىپ ھورۇن ھۆپۈپ،
ھالاۋەتكە.
ھەمكارلاشتى ھايتاق ھۇۋقۇش،
ھاماقەتكە.
ھەيدەپ ھەردەم ھىيلىگەرلىك،
ھارۋىسىنى.
ھازىرلىدى ھەشەمەتنىڭ،
ھارپىسىنى.
ھۇزۇرلىنىپ ھەپتە ھارام،
ھىممىتىدىن.
ھەيدەلدى، ھەي!... ھەممىمىزنىڭ
ھۆرمىتىدىن.
بىلىم بىلەن بايلىق
بەزى بالىلار بەك بەڭباش،
بىلىم بىلمەيدۇ.
بىلىم بىلىش بەيگىسىنى،
بېسىم بىلمەيدۇ.
بۈيۈك بىلىپ بىلىمدىنمۇ،
بايلىقلىرىنى.
بېغىشلايدۇ بايلىققىلا،
بارلىقلىرىنى.
بىلىم بىلەن بايلىقتا بىر،
بىرلىك بولمىسا.
بايلىق بولۇپ، بىخچىلىكمۇ
بىلىگ بولمىسا.
بىلەلمەيدۇ باتىنىمىز،
بايلىق بەھرىنى.
بىلىم بېرەر بالىلارنىڭ،
بارلىق بەختىنى.
چاپتىكەش چاشقان
چىرىسلىتىپ چىت چىپتىنى،
چاپتىكەش چاشقان.
چىپتىدىكى چىلاننى،
چاچقىنى چاچقان.
چاقار چاغقا چىلاننى،
چىقىپمەن چاپسان.
چىشلىرىنى چاشقاننىڭ،
چاققىنىم چاققان.
توكمۇ توخۇ تۇغىدىكەن
تۇخۇم تىقتۇق تولۇمغا،
تۆت تەرەپتىن.
تۇتاشتۇردى تۇرسۇن توكنى،
تۆر تەرەپتىن.
تۇردى تۇخۇم توقسان تۈن،
توكنى تېتىپ.
توققۇز توخۇ تۇغۇلدى،
تايىن تېپىپ.
توكمۇ توخۇ تۇغىدىكەن.
تونۇۋالدىم.
تەبىئەتنىڭ تەلىمىنى،
تۇيۇۋالدىم.
تېمپېراتۇرا تەڭشەيدىكەن،
توخۇنىڭ تۈكى.
توخۇسىغا تەتبىقلىنىپتۇ،
تۇرسۇننىڭ توكى.
( ئاپتور قاراقاش ناھىيە تۇخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى)
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانى