تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەيدىزدىن ئومۇمىي بايان (2015-يىللىق)

ئەيدىزدىن ئومومىي بايان (2015)

تۈزىگۈچى: ئىسكەندەر جېلىل 

(قومۇل تارانچى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىن)


ئەيدىزنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئېرىشمە ئىممۇنتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى» (Acquired Immune Deficiency Syndrome) بولۇپ، ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشىنىڭ باش ھەرىپلىرىنى تىزساق AIDS (ئەيدىز) سۆز كېلىپ چىقىدۇ، ھازىر قىسقارتىلىپ «ئەيدىز» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز.

 

 

رەسىمدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى


  1. ئەيدىز ئىپېدېمىيىسى:ئەيدىز - 20-ئەسىرلەردە قارا ئورانگوتان تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)نىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆچكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1981-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدا تۈنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇ بىمارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگىنوز قويۇلغان. بۇ بىمار بەچچە (ھەمجىنىس)  بولغاچقا، دەسلەپتە ئامېرىكىدا كىشىلەر «مۇشۇنداق بەچچە ئەرلەرلا ئاشۇنداق كېسەل بولىدۇ» دېگەن كۆز –قاراشقا كەلگەن. لېكىن كېيىنچە بۇ خىل كېسەل بەچچە ئەمەس ئەرلەر، ئاياللار، قېرىلا، ھەتتا بالىلاردىمۇ كۆرىلىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن (HIV) يۇقۇملانغۇچىلار 70 مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 34 مىليوندىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى ئۆلۈپ بولغان بولۇپ، يەنە 37 مىليوندەك ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېنىدە ئېلىپ يۈرمەكتە. (2014-يىللىق سىتاتېستىكا مەلۇماتى)مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 2 مىليوندەك ئەيدىز يۇقۇمدارى يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، يىللىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن تۆۋەن بولغان. شۇ يىلى يەنە 1 مىليون 200 مىليون يۇقۇملانغۇچى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

سەھرايى كەبىر (ساخارا)  چۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونلىرىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 25 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئومومىي سانىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن.  2012-يىلى دۇنيادىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياش- ئۆسمۈرلەر سانىنىڭ 2 مىليون 100 مىڭغا يەتكەن.

2014-يىلى، پۈتۈن دۇنيا بويىچە 14 مىليون 900 مىڭ يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالىنىشقا قاتناشقان بولۇپ، بۇ سان ئومومىي ھايات يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %40نى تەشكىل قىلغان. 

مەملىكىتىمىزدە 1985-يىلى تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، 2010-يىلغىچە، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سان 230 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئەمەلىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 700 مىڭ ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە، ھازىر بولسا بۇ مۆلچەر سان مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.  ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى يۇقۇش يولى شەخسىي ئورۇنلاردا قان سالدۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇردىن چېكىش ئارقىلىق بولغان بولسا، يېقىندا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش نىسبىتى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى 1995-يىلى قۇمۇلدا بايقالغان بولۇپ، 2015-يىلى 10-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ يىغىندا سانى 38 مىڭ 283 غا يېتىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 9156 نەپەر، ئۆلگەنلىرى 9554 نەپەر بولغان. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەيدىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىنىدىغان ۋە داۋلايدىغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ قالدى.

2012-يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە ئىكەن:شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، تومۇردىن زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدىغان ئاساسلىق يۇقۇش يولى نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشقا ئۆزگەردى؛ ئەر-ئاياللارنىڭ يۇقۇش نىسبىتى بىردەك؛ ئاساسلىق يۇقۇملانغۇچىلار 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرىراق؛ يۇقۇمدارلار ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايوندىكىلەر ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %90.8نى ئىگىلەيدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئېشىپ بارماقتا؛ بۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار بىر تۇتاش كېسەللىك باسقۇچىغا كىرىپ، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى يىلسېرى ئېشىپ بارماقتا.

2015-يىلدىكى ستاتىستىكا دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغانلار %85.8، زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغانلار %11.4 بولغان. خۇلاسە شۇكى، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن تارقىلىش ھالىتىدە بولۇپ، خاس كىشىلەر توپى ۋە قىسمەت رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى بولماقتا، تومۇردىن زەھەر چېكىدىغانلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر تۆۋەنلەپ، جىنسىي قىلمىشتىن تارقىلىش ئەھۋالى روشەن ئېشىپ، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان كىشىلەر يىلسېرى كۆپىيىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى بىر قەدەر قىيىن بولىۋاتىدۇ.



ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى تارقىلىش خەرىتىسى 



 2. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە شەرتلىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ۋىرۇسلارغا ئوخشاش، كېسەللىك مەنبەسىدىن ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ تېنىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. گەرچە مەتبۇئاتلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى تۈرلۈك-تۈمەن تەسۋىرلەپ ئوقۇرمەنلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدرۇغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى پەقەت قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىقلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر يۇقۇش يولى ئۈچ خىل شەرتنى تولۇق ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ھادىسىسىنى تاماملىيالايدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يولى ۋە شەرتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

1) قاندىن يۇقۇش.

قاندىن يۇقۇش ئاساسەن ئوكۇل-شپېرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغاندىن ئوكۇل بۇيۇملىرى سانجىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن كۆرىلىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۇكۇل يىڭنىسى ياكى شپېرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىشتىن يۇقىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئوكۇل ئارقىلىق زەھەر چەككەندىن كېيىن يىڭنە ۋە ئىشپېرىسلاردا ئاز مىقداردا قان تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر باشقا بىرەيلەن مۇشۇ يىڭنە ياكى ئىشپىرىسنى يەنە ئىشلەتسە، قان قالدۇقلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىۋاستىلا ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىدۇ-دە، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت. شۇڭلاشقا قان قوبۇل قىلغۇچى ئىشلەتكەن قاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىنى دوختۇرخانىدىن سوراش، قان تەغدىم قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكۇل- ئەسۋاپلارنىڭ تازلىقىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنىڭ قېنىنىڭ ئۆز تېنىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، قاننى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەغدىم قىلىشى كېرەك. قۇلاق تېشىش، قاش- كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار.

2) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش

ئاساسەن قوغدىنىشسىز (گاندوك ئىشلىتىلمىگەن) جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.جىنسى مۇناسىۋەت (جىما) جەريانىدا، جىنسى ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچىرايدۇ-دە، سپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسى ئەزا سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىۋىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇشۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

مەقئەت ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسى يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسى يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.

ئەگەر ئەر-ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسى كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن جىنسى كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسى ئەزاسىدا جاراھەتلەر بولغاچقا، ئاسانلا يېرىلىپ قاناش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ-دە، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسى كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسى كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا3-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا شۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز كۆرۈش مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋىپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.

3) ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.



ئېسىڭىزدە بولسۇن:HIV ئادەتتە ھاۋادىن، كىيىم-كېچەكتىن، بەدەن تېگىشىشتىن، بىللە غىزالىنىشتىن يۇقمايدۇ.

بۇ ۋىرۇس پەقەتلا يۇقارقى 3 خىل يولدىنلا يۇقىدۇ.

شۇڭا ئائىلىمىزدە يۇقۇملانغۇچى بولسا، يۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرمەي، ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋەرسەك ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىۋەرسەك بولىدۇ. بۇ پاكىت چوقۇم ئىسىڭىزدە بولسۇن.ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە يۇقۇملىنىش خەۋىپى%13-%42 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

ئەگەر دەسلەپتە ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىدىن ئايرىپ باققاندا، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خەۋىپى% 15---%30گىچە بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن باققاندا بولسا يۇقۇملىنىش خەۋىپى %30---%45گىچە بولىدۇ.

تۇغۇت جەريانىدا ئانىغا ۋە بوۋاققا ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچكۈزۈش ھەم ئانا سۈتىدىن ئايرىپ بېقىش ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقىنى يەنە 50% تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئانىنىڭ تۇغۇت شەكلى، جىنسى كېسىلى بار-يوقلۇقى ۋە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. 

بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ۋە ئاشقازان كېسلاتاسى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىغا كىرگەندە ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بوۋاقنى ئەمدۈرگەندە ئانا سۈتىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇپ18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھەقىقىي يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى بولىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. بىراق بوۋاق ھەقىقى يۇقۇملانغان بولسا، كېسەلچان بولىدۇ، ھەم سالامەتلىكىمۇ ناچار بولىدۇ.ھازىر ھەقسىز بولغان (ۋىرۇسقا قارشى دورا ئارقىلىق) ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇپ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىۋاتىدۇ.يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار ھەقسىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ شەرتىگە چۈشسىلا، داۋالىنىشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.يۇقۇملانغان ئاياللار ۋە يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر بالىلىق بولۇشنى ئويلىسا، ئامال قىلىپ بالىنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

 



يۇقۇش شەرتلىرى:

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇشى ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك.

ئىچىدە چوقۇم بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇشى كېرەك.

تەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك.

تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان تەن سۇيۇقلۇقى مەلۇم يوللار ئارقىلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك.

يوقارقى شەرتلەرنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ،چوقۇم ھەممىسى تولۇق بولۇشى كېرەك.مىسال ئالايلى:

بىرىنچى مىسال:

ئەيدىز ۋىرۇسى(HIV) بىلەن لىق تولغان بىرقاچىنى سىنىپنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ قويسام، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىم چېقىلمىسا، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: 1-شەرت بىلەن 2-شەرتكە توشقان بىلەن 3- شەرتكە توشمىدى، چۇنكى قاچىدىكى HIVھېچكىمنىڭقان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرمىدى، ۋىرۇسلار شۇ پېتى تۇتۇپتۇ، شۇڭا بۇ يۇقمايدۇ).

ئىككىنچى مىسال:

ئەگەر بىراۋ ئىشلىتىلمىگەن پاكىز ئىشپىرىسنى ئوكۇل قىلىپ زەھەر چەكسە، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: 3-شەرت ھازىرلانغان بىلەن 1- ۋە 2- شەرتلىرى ھازىرلانمىدى، يەنى بۇ يەردە ھېچقانداق ئەيدىز ۋىرۇسى يوق، شۇڭا يۇقمايدۇ).

ئۇچىنچى مىسال:

ئەگەر قوغدىنىش تەدبىرى قوللۇنۇلمىغان ئەھۋالدا ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھەم بەدەن سۇيۇقلۇقى يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە ۋە قېنىغا كىرىپ كەتسە، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: يۇقىدۇ، چۈنكى قارشى تەرەپ بىر يۇقۇملانغۇچى، بۇ يەردە يۇقۇملىنىشىڭىزنىڭ خەۋىپى بەك چوڭ. ئەگەر ئىككىلى تەرەپ ساغلام ئادەملەر بولسا، ھېچقانداق كېسەل يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ).

دىمەك،ئەيدىز ۋىرۇسى بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇش ئۈچۈن يۇقارقى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ھازىرلىشى كېرەك. ئائىلىڭىزدە بىرەر يۇقۇملانغۇچى بولسا، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇپ، قان ۋە تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشتىن ساقلانسىڭىزلا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز پۈتۈنلەي بىخەتەر بولىدۇ. مەلۈم بىرەيلەننى ياخشى كۆرسىڭىز، ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز،بىللە ئىشلىسىڭىز، بىللە غىزالانسىڭىز ياكى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە بىللە قاتناشسىڭىزمۇ (ئەگەر ئۇ يۇقۇملانغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ) ھېچقانداق خەتىرى يوق. 


 3. ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنتېت سېستىمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان CD4 لىمفا ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ھەمدە CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە مىليونلاپ كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە CD4 ھۈجەيرىسىنى يېرىپ سىرتقا چىقىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن بۇ ئەيدىز ۋىرۇسلىرى يەنە مىليونلىغان CD4 ھۈجەيرىلىرىگە چاپلىشىپ، ئىچىگە كىرىپ كۆپىيىپ، يېڭى- يېڭى ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، CD4 ھۈجەيرىلىرىنى كۆپلەپ نابۇت قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن، ئىممۇنتېت سېستىمىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا، يۇقۇملىنىشقا ۋە راكقا قارىشى ھەرخىل ھۈجەيرىلەر بولىدۇ،HIVمانامۇشۇ خىل ھۈجەيرىلەرگە چاپلىشۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىيىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىدۇ. ئاخىرىدا HIVئاستا-ئاستا پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئىگەللەپ، بەدەن يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇسقا قارىشى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەرخىل كېسەللىك ئامىللىرى بەدەنگە بۆسۈپ كىرىپ، راك ياكى باشقا خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، بىراق ئەنسىرىمەڭ! ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۈچۈن قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنىBھۈجەيرەۋە Tھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم.Bھۈجەيرە—ئاساسلىقى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ ھۈجەيرىنىڭ ئادەم بەدىنى مەلۇم ۋىرۇس ياكى باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغاندا سىگنال بېرىش رولى بار.Tھۈجەيرە—تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكىT4(ياكىCD4)دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئىممونت سېستىمىسى بىر مۇكەممەل سېستىما. ئەگەر CD4ھۈجەيرىسىنورمال خىزمەت قىلالمىسا، پۈتكۈل سېستىما ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

  

4. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى 3 مەزگىلىبىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تاكى شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىلىق كۆزنەك، يوشۇرۇن ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ:1) كۆزنەك مەزگىلى: بۇ مەزگىل يەنە ئۆتكۈر كلىنكىلىك دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 1 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارىشلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئۇنىڭغا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە 50-80% ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېپىراتورىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىسىگە ئەسۋە چىقىش دىگەندەك كىچىك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ئانتېتلانى تەكشۈرىدۇ. قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتېتلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنفى، يەنى "يۇقۇملانمىغان" بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر يېڭى يوقۇملانغۇچى كۆزنەك ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا قان تەغدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ-دە، كېيىن شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچى بىمار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا خەتەرلىك ھەرىكەت (ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دىگەندەك) بىلەن شوغۇللانغاندىمۇ قارىشى تەرەپكە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئادەم ئىممونىت سېستىمىسى بەدەنگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېخى بايقىمىغانلىقتىن، CD4ھۈجەيرىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا ئاندىنCD4 ھۈجەيرە ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتۈپ، يوشۇرۇن مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.)

2) يۇشۇرۇن مەزگىل:بۇ مەزگىل يەنە ئالامەتسىز دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 6-10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر ياخشى كۈتۈلسە، كۆپ روھى بېسىم بولمىسا 15، ھەتتا 20 يىلغىمۇ ئۇزاتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن ۋىرۇسقا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئادەم ئىممونت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆرەش قىلىش جەريانىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدىمۇ يۇقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋىرىدۇ. مۇشۇ 6-10 يىل جەريانىدا زۇكامداش، قىزىپ قېلىش ياكى قۇرسىقى ئاغرىش دىگەندەك كىچىك كېسەللكلەر كۆرىلىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن بۇنداق ئالامەتلەر ساغلام ئادەمدىمۇ كۆرىلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىمۇ بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، بەدەن ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسىنى ئۆزلۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارغا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىشى بىلەنCD4ھۈجەيرىسى ئاستا-ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ-دە، بىر پۈتۈن ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا بۆسۈپ كىرىدۇ.)


3) كېسەللىك مەزگىلى: تەخمىنەن 1-2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممونت سېستىمىسىنى تەلتۆكۈس دىگۈدەك بۇزغان مەزگىل بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسى ئاجىزلىغان سەۋەبلىك ھەرخىل پۇرسەتلىك كېسەللەر، مەسلەن: ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركىليۇز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دىگەندەك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ھەرخىل ئۆسمىلەر (راك) پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممونت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بەدەنگە بۆسۈپ كىرگەن باشقا خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسى كېسىلى بار- يوقلۇقى، زەھەر چىكىش- چەكمەسلىكى، روھى ھالىتى ۋە شۇنداقلا ئەتىراپتىكى مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ياخشى كۈتۈلسە، روھى كۆتىرەڭگۈ ۋە خۇشال يۇرسە، بۇ مەزگىلنىمۇ ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇپ مەزگىلگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.(قوشۇمچە: ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىر يىلدا تەخمىنەن 50دانە CD4ھۈجەيرىسىنىيوقىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ دەسلەپتە مىڭ دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دىسەك، 12ئايدىن كېيىن 950دانىسى قالىدۇ. يەنە 12ئايدىن كېيىن 900دانىسى قالىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىساق 500دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دېسەك بۇ ئادەمنىڭ ئىممونت سېستىمىسى ئوتتۇرھال دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. پەقەتلا 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا بولسا بۇئادەم ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بىراق يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقمۇ بىر قەدەر زور بولۇپ بەلكىم بىرسى 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا كېسەل قوزغىلىشقا باشلىسا، يەنە بىرىسى 20دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندىمۇ يەنە كېسەل قوزغالماسلىقى مومكىن. )

  5. ئەيدىزنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئالامەتلىرى:ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىر تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىممۇنتېت سېستىمىسىدىكى مۇھىم بولغان 4CD (يەنە 4T دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھۈجەيرىلىرىنى زور مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەجەللىك ئاجىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئىنساننىڭ بەدىنىدە ئۆمۈرلۈك يۇقۇملىنىپ، ئىممۇنتېت تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ بەدەنگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى ھېچقانداق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ، پەقەت ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، باشقا خىل كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشىقا شارائىت يارىتىش ئارقىلىق ئادەمنى ئەجەلگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 9 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ، كېسەللىك مەزگىلگە كىرىشتىن ئىلگىرى، ئەيدىز يۇقۇمدارى كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن نورمال بولۇپ، باشقا نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن ئاساستا ياشايدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسىنى چەكلەش ئارقىلىق تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىنى، مەسىلەن: قاپارتما، سۆگەل ۋە زامبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا داۋالاش مەركىزى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى پروففېسسور كارنىتنىڭ دېيىشىچە، بىماردا ئورۇقلاش، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى، تېرە ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن.

ئىلگىرلەپ كۈزىتىشلەر ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئېغىر ۋە جاھىل تېرە كېسەللىكلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بەدىنىدە مۇناسىۋەتلىك ئانتېتىلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، بەدىنىدە بۇ خىل ئانتېتىلا كۆرۈلگەن كىشىلەردە تۆۋەندىكى بىر ياكى نەچچە خىل تېرە كېسەللىكلىرى كۆرىلىدىكەن:

1) تېرە ياللۇغلىنىش، قىزىرىپ ئىششىش، سۇلۇق قاپارتما ۋە يىرىڭلىق قاپارتما قاتارلىق تېرىنىڭ باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشلىرى، تىپىك بولغانلىرىدا ئېغىزى ۋە بۇرۇنىنىڭ ئەتراپىغا چاچما ھالەتتىكى ئۇششاق سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىدۇ.

2) ئېغىر بولغان مايلىق تېرە ياللۇغى. يۈزى، باش ۋە بەدەن تېرىلىرىدە ئېغىر بولغان مايلىق قاسراقلىق كىپەكلەر پەيدا بولىدۇ.

3) ئېغىر بولغان تېرە قۇرغاقلىشىش كېسىلى كۆرىلىدۇ ياكى ياشلاردا تۇيۇقسىز قېرىلارنىڭكىدەك تېرە كۆرىلىدۇ.

4) قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈك خالتىسى ياللۇغى كۆرىلىدۇ.

5) توغرا ئۈچەي ۋە مەقەت ئەتراپىدا ئاددى سۇلۇق قاپارتما، قول، پۇت ۋە ساقال- بۇرۇت ئۆسكەن ئورۇنلاردا يېڭى ئۆسكەن سۆگەللەر كۆرىلىدۇ.

6) پۇت قىسىمىدا ئېغىر زامبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەن يۇقارقى تېرە ئالامەتلىرى گەرچە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ بىمار چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: يېقىندا گۇمانلىق قان سالدۇرغان، ياكى ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان دېگەندەك. ئەگەر تۇيۇقسىز يۇقارقىدەك تېرە ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دىئاگىنوزنى ئېنىق قىلىش كېرەك. 


 7. ئەيدىز بىمارىنى كۈتۈش ۋە داۋالاش ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كۈتۈش، غەمخورلۇق ۋە داۋلاش تۆۋەندىكىدەك تۆت تەرەپتىن بايان قىلىنىدۇ:

 1) كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ياكى كۈتۈش(ھالىدىن خەۋەر ئېلىش)

2) كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى ئائىلىلەردە بىر تەرەپ قىلىش

3) پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ۋە ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش

(ART) 4) يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا بولغان پىسخىك ۋە روھى جەھەتتىكى غەمخورلۇق 


كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ۋە كۈتۈش

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يالغۇز دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاشلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى، قوللىشى، روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشى، شۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى ساقلىشى، ھەرخىل ئاغرىق، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە توختىلىمىز. ئاندىن ئۇلارنى ئائىلىدە كۈتكۈچىلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغىرسىدا پاراڭلىشىمىز. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشى ئۈچۈن:

● كۈندىلىك تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، تاماق ئېتىشتىن ياكى يىيىشتىن ئىلگىرى ۋە تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك. چۈنكى ئادەتتىكى ئۇششاق كېسەللىكلەرمۇ يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئامالنىڭ بارىچە ھەر خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

● تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، ئەگەر ئېغىزدا جاراھەت بولسا تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن چايقاش لازىم.

● ھەر خىل ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغاندا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى «ئوزۇقلۇق» بۆلكىدە ئايرىم توختىلىمىز.

● يېمەكلىكنىڭ پاكىزە يۇيۇلغان، تولۇق پىشۇرۇلغان ۋە ياخشى ساقلانغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. خام گۆش، خام دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە خام تۇخۇمنى يېيىشكە بولمايدۇ.

● قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق مېنىرال سۇ ئىچىش كېرەك.

● ھاراق-تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىش بولسا چەكلەش كېرەك. چۇنكى بۇلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتپ، يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يۇقۇرلىتىۋېتىدۇ.

● ھەر قانداق زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش كېرەك. سەۋەبى يۇقىرقىغا ئوخشاش.

● ياخشى دەم ئېلىش، ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ئامال بار يېنىكلىتىش لازىم.

● ئۈمىدۋار بولۇپ، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، دوسىتلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىش لازىم.

● كەيپىيات بۇزۇلۇپ قالغاندا ياكى خاپا بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا باشقىلارغا ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ بېرىڭ.

● دوختۇردىن باشقا كىشىلەرنىڭ بەرگەن دورىلىرىنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى يۇقۇملانغۇچىلارغا دورا تېخىمۇ ئاسان ئەكىس تەسىر بېرىدۇ.

● ئاغرىپ قالغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

● ئەگەر تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەلتۈكۈس داۋالىنىش كېرەك. تۇبېركۇليۇز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ۋە ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن بىللە تۇرغۇچىمۇ دوختۇردىن  مەسلىھەت سوراپ تەڭ داۋالىنىشى كېرەك. 


ئائىلىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا:

●يۇقۇملانغۇچىلارنى كۈتۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قولنى پاكىزە يۇيۇش، ئوچۇق قالغان جاراھەتلەرگە رېزىنكە پەلەي ئىشلىتىش.

● يۇقۇملانغۇچى ئاسانلىقچە قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم قەرەللىك ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

● تاماقنىڭ تولۇق پىشۇرۇلغان بولۇشىغا، سۇنىڭ قاينىتىلغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

● يۇقۇملانغۇچىلار تۇرغان جاينىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

● ئۇلارنى ئىمكانىيەت بولسا ھەركەت قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇش، ئەگەر ئورنىدىن تۇرالمىسا كۈندە ھەر4-5 سائەتتە بىر قېتىم تېرىسىنى مايلاپ، كۆرپە يارىسى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

● ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بېرىش كېرەك.

● ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ۋە يوتقان- كۆرپىلىرىنى پاكىز تۇتۇش كېرەك.

● زۆرۈر تېپىلغاندا قىزىل كرېستتىن، دوختۇرلاردىن ۋە دوستلىرىدىن ياردەم سورىسىمۇ بولىدۇ.

● يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.   


ئوزۇقلۇق:

يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ياخشى يېيىشى، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول يېمەكلىكلەرنى يىيىشى كېرەك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بولسا، باشقا كېسەللەردىن ئاسان يۇقۇملانمايدۇ. شۇنداقلا سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇنى كۈتكۈچى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. 

تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم نۇقتا چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن:

● ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا 10-15%تالالىق يېمەكلىكنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسى تەركىبى كاربۇن ھىدىرىتلار بولۇپ، ئاشلىق تۈرىدىكى گۈرۈچ، قوناق، بۇغداي قاتارلىقلاردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى(نان، بولكا، پېچىنە-پىرەنىك، لەغمەن، پولو....دىگەندەك)ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقۇملانغۇچى ئامال بار ھەر كۈنى تۆت ۋاق تالالىق يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.

● ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا 50-100% ئاقسىلنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك. ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى گۆش تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم، دۇفۇ ۋە بارلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ. (ئېسىڭىزدە بولسۇن، خام گۆش ۋە خام تۇخۇمنى يىيىشكە قەتئى بولمايدۇ). يۇقۇملانغۇچى ئامال بار كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.

● يۇقۇملانغۇچىلار يېتەرلىك ۋىتامىنغا موھتاج. بولۇپمۇ ۋىتامىن A،B6 ،B12 ،C ، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنشقا قارشى تۇرۇشقا ياردىمى بار(بۇ خىل ۋىتامىنلار سەي-كۆكتاتلار، مېۋە ۋە مېۋە شەربەتلىرىنىڭ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ). ئىمكان بولسا بىرىكمە ۋىتامىن تابلېتكىسىنى  ئىستىمال قىلىپ بەرسە، مىكرو ئېلمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار ئامال بار كۈنىگە تۆت ۋاق مېۋە-چىۋە ياكى كۆكتات يەپ بەرسە بولىدۇ.

● سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىۋىدىمۇ مول ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە كالتسىي بار. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار كۈنىگە كەم دىگەندە ئىككى قېتىم سۈت، قېتىق، قايماق، ئىرىمچىك ياكى قۇرۇت ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

● چوقۇم قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق سۇ ئىچىش لازىم. چۈنكى تۇرۇبا سۈيى ۋە قۇدۇق سۈيى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ ۋاقىتلاردا كۆڭلى ئېلىشىدۇ ۋە قورسىقى ئاچقاننى ئانچە ھىس قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق يەپ بەرسە بولىدۇ. بۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە پايدىسى بار. زەنجىۋىللىك چاي ياكى باشقا مىللىي تىبابەتنىڭ دورىلىرى ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈشىگە ياردەمى بولىدۇ. مايلىق ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ساقلاش، سوغۇق ساقلانمىغان ياكى پاكىزە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.گالدىن تاماق ئۆتمىگەندە ياكى كۆڭلى ئېلىشقاندا ۋە ياكى ئىچىۋاتقان دورا سەۋەبلىك تاماق غەلىتە تېتىغاندا، تاماق ۋاقتىدا كۆڭۈل ئېچىش، يەنى ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن تاماقتىن ئورتاق بەھىر ئېلىشمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياخشى غىزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كاللىدىكى ھەممە غەم- قايغۇنى ئۇنتۇپ، پەقەت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلار بىلەن بىللە غىزادىن ھوزۇرلانغاندا، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىشتىھاسىغا پايدىسى بولىدۇ. ئائىلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ قويۇش ئۇلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. 


 2) كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئائىلىدە بىر تەرەپ قىلىش غاز بوغۇز(سۈت قات دەپمۇ ئاتىلىدۇ): 

● ئېغىز بوشلۇقىدا، چىش مىلىكى ۋە تىلدا ئاسان سۇيۇلىدىغان ئاق داغلار بولىدۇ. بۇ  بەلكىم زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ، ئاغرىيدۇ ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.

● بۇ خىل ئېغىز بوشلۇقىدا كۆرۈلىدىغان كېسەلنىڭ سەۋەبى بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقتىن بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئەگەر كۆپلەپ باكتېرىيەگە قارشى (ئانتىبىئوتىك) دورىلارنى ئىچسىڭىز، ئېغىزدىكى زەمبۇرۇغلارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان "ياخشى" باكتېرىيەلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئاجىزلاشقاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

●  بۇ خىل يۇقۇملىنىش كاناي ۋە قىزىلئۆڭگەچكە يامراپ كەتسە، تاماق يېگەندە قىينىلىدۇ-دە، ئۇ ئادەم تاماقتىن قالىدۇ.

● ھەر كۈنى يۇمشاق چوتكا بىلەن ئېغىز ۋە تىلنى ئاستا سۈرتۈپ، ئاندىن تۇز سۈيى بىلەن چايقاش لازىم. ئەگەر بەك ئاغىرمىسا لېمون ياكى ئاپلېسىن سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ، ياكى سامساقنى چايناپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قېتىق ئىچسىمۇ بولىدۇ. يۇقارقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ داۋالىغىلى بولمىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. (يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، ئەگەر ئېغىزدا ئۇزۇن ئاق داغلار كۆرۈلسە، بۇ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى دېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل داغ ئاسان چۈشمەيدۇ، بۇنى چوقۇم دوختۇرغا داۋالىتىش كېرەك.) 


قۇرۇق ۋە ھۆل يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە قىزىتما :

● يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ CD4ھۈجەيرىسى200 دىن ئاز بولغان (ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن) ۋاقتىدا قۇرۇق يۆتىلىش، دەم سىقىلىش(بىرەر كۈندىن كېيىن قىزىتمىسى ئۆرلىشىمۇ مۇمكىن) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇلار بەلكىم يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۆپكە ياللۇغى (PCP)نىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. قۇرۇق يۆتەل ۋە دەم سىقىلىش ئالامەتلىرى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە جەريانىدا ئاستا-ئاستا ئېغىرلىشىپ بارىدۇ.

● بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغىنى زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆپكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان  كۆپ قىسىم ئالامەتلەرگە ئوخشاش، بۇ زەمبۇرۇغلار نورمال ئادەمنىڭ بەدىنىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىز زەمبۇرۇغلارنى بېسىپ تۇرغاچقا، بىزدە كېسەل قوزغالمايدۇ. ناۋادا ئىممۇنىتېت سېستمىمىز ئاجىزلاشسا، بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغى (PCP) ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىدا قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەلگە دوختۇر رېنتېگېندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگىنوز قويالايدۇ، شۇنداقلا  ئانتىبىئوتىكلار (باكتېرىيەگە قارشى دورىلار) بىلەن داۋالايدۇ.

● CD4ھۈجەيرىسى 200 دىن تۆۋەن بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى تەدبىرلىرىنى ئويلاشسا بولىدۇ. بۇ تەدبىردە SMZدىن ھەپتىدە ئۈچ ۋاق، ھەر ۋاقتا 2 دانە ياكى كۈندە بىر تالدىن تاكى CD4ھۈجەيرىسى 200 دىن ئاشقانغا قەدەر يەپ بەرسە بولىدۇ.ئەگەر يۆتەلدىن قان تۈكەرسە، ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، كېچىسى تەرلىسە، بۇ ئېھتىمال تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا دوختۇر دىئاگىنوز قويالايدۇ ۋە نەچچە ئايلىق داۋالاش مۇددىتى بىلەن داۋالايدۇ. (بۇ توغرۇلۇق كېينكى مەزمۇندا تەپسىلى توختىلىمىز). 


ئىچى سۈرۈش: 

● كۈندە ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىچى سۈرىدۇ، تەرەت سۇ ئارىلاش كېلىدۇ.

● ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولمىسا ياكى بىر ئىككى كۈندە توختاپ قالسا ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ بەلكىم تاماق ياكى سۇ ئارقىلىق بەزى باكتېرىيەلەردىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بېسىم ھىس قىلىش، جىددىلىشىش سەۋەبىدىن بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر توختىماي ئىچى سۈرسە ھەم ئۇزۇنغا سۇزۇلسا، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش بۇلۇشىمۇ، بەدەندە پارازىت قۇرت بۇلۇشىمۇ ياكى دورا ئەكىس تەسىر قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

●  ئىچى سۈرۈش بەدەندە سۇسىزلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

● ئىچى سۈرگەنلەرنى داۋالاشتىكى مۇھىم بىرسى سۇسىزلىنىشنى داۋالاش.


 ORS(بىر خىل جۇلاپ)نى ئىچىپ سۇ تۇلۇقلىسا بولىدۇ. 

رېتسىپى: بىر لېتىر قايناقسۇغا 4 قوشۇق شېكەر، يېرىم قوشۇق تۇز سېلىپ، ھەر قېتىم سۇيۇق تەرەت كەلگەندىن كېيىن ئىچىلىدۇ. ئىچى سۈرگەن ئادەم كۈندە 3 لېتىر ORS ئىچىپ بېرىشى، ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم يېڭىدىن تەييارلاپ ئىچىشى كېرەك.

●بىر لېتر قاينىتىلغان پاكىز سۇغا يېرىم قوشۇق تۇز، سەككىز قوشۇق تالقانلانغان ئاشلىق سېلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى گۈرۈچ تالقىنىدىن، ياكى بۇغداي ئۇنى، قوناق ۋە ياكى ئېزىلىپ پىشقان ياڭيۇ (بۈك) سالسىمۇ بولىدۇ. 5- 7 مىنۇتقىچە قاينىتىلىپ، سۇيۇق شورپا ياكى ئوماچ ھالىتىگە كەلتۈرىلىپ، سوۋىتىلىدۇ. بۇمۇ بىر خىل سۇيۇقلۇق تولۇقلايدىغان قۇۋۋەتلىك جۇلاب (ORS) ھېسابلىنىدۇ.

● ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يىيىش، ئۇزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن مېغىز، خام مېۋە، خام كۆكتاتلارنى يىيىشتىن ساقلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا ماي، سۇ ۋە ئاچچىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك. بانان، گۈرۈچ، نان، بولكا، ياڭيو قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بېرىش،تاماق ئارىلىقىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش  كېرەك.

● ئەگەر ئىچى سۈرۈش ئىككى ھەپتىدىنمۇ ئېشىپ كەتسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك.

● كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرسە چوقۇم شۇ زاماتلا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى ئىچى سۈرۈش كىچىك بالىلار ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك، ۋاقتىدا داۋالانمىسا تېزلا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. قىزىش(ئۇچۇنۇش)

● ئەگەر مۇمكىن بولسا، بەدەن تېرمومېتىرى ئارقىلىق بەدەن تېمپىراتۇرسىنى ئۆلچەش كېرەك. بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە قىزىغان بولىدۇ.بەدەن تېرمومېتىرى بولمىغان شارائىتتىمۇ بىلگىلى بولىدىغان ئامال بار،مەسىلەن بىر قولىڭىزنىڭ دۈمبىسىنى پىشانىڭىزگە قويۇپ، يەنە بىر قولىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزسىڭىز، قىزىق بىلىنسە، قىزىغان بولىدۇ. ئادەمنىڭ نورمال بەدەن تېمپراتورىسى 36- 37.5℃بولىدۇ. ئادەتتە℃38 دىن يۇقىرى بولسا، قىزىغان بولىدۇ.

● قىزىشنىڭ سەۋەبى تۇبېركۇلىيۇز بولۇشىمۇ، باشقا يۇقۇملۇق كېسەل بولۇشىمۇ ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئاۋال بۇ خىل ق

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز