تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كەتكۈڭ كەلمەس كەلسەڭ خۇتەنگە....

كۈرۈپ ئاڭا تويۇپ قانمايسەن،
كەتكۈڭ كەلمەس كەلسەڭ خۇتەنگە.،
يۈز ئەسىرنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇ،
ياڭاق شاھى بىزنىڭ خۇتەندە.


نىيە شەھرى قەدىمى ماكان،
تارىخ چاقنار ئۇنىڭ تىگىدە.
كېرىيەنىڭ كىشمىش ئۈزىمى،
داۋا بولۇر ‹‹ئاجىز›› ئادەمگە.


چېرىيەنىڭ يەرلىك ئانىرى،
ئېشىپ- تېشىپ بارارچەتئەلگە'
لوپ ئۈرىكى خۇددى بال-ھەسەل،
ھوزۇرلۇقتۇر ئادەم تېنىگە،


ھىس ئويغۇتار خۇتەن ياڭىقى،
ھەمدە قاشتاش دەريا تېگىدە.
رەڭدار ھېقىق ،مەرۋايىت ئۈزى،
پىيالمىنىڭ ئانارى لەۋدە،



قارىقاشنىڭ دەريا بويلىرى،
قايناپ كىتەر ھەممە پەسىلدە
قارا قاشتاش ماكانى بۇ،
پارقىرار ئۇ سۇنىڭ تېگىدە.


قوشتاغ باغرى گۇما دىيارى،
‹‹چۇلاق ساي›› نىڭ قۇمى ئۈستىدە
سوۋغا قىلغان يەركەن خانلىقى،
مەڭگۈ ئۆچمەس،سىرلىق ئابىدە.



كەتكۈڭ كەلمەس كەلسەڭ خۇتەنگە،
زەپ مىھماندوست بۇندا ساھىپخان،
مىۋە-چىۋە، گۆش-كاۋاپلار،
داستىرخاندا تەييار ھەر قاچان،


تەكلىپىم شۇ بىر كىلىپ كېتىڭ،
بايقاشتىكى ئەزىز-مىھرىبان..
قۇرۇق قوللا كەلسىڭىزئەگەر،
باشلىمايدۇ تۆرگە ساھىپخان،



ھەممە يۇرتنىڭ گۈزەللىكى بار،
ھېچكىم ئاتىماس يۇرتىنى -سەرسان،
قېتىڭلا دوستلار قۇشاق -كۈيلەرگە،
يۇرتۇڭلار بولسۇن تېخىمۇ بوستان.





ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز