تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى

 

جاپپار غاپپار

(قاراقاش ناھىيە ماڭلاي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

 

ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى. تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق يازغۇچى، شائىرغا باھا بېرىشتە، ئۇنىڭ  ئۆزى ياشىغان دەۋردە قانداق ئىدىيەگە، قانداق سىنىپقا ۋەكىللىك قىلغانلىقى، كىمنى ماختاپ، كىمگە نەپرەت بىلدۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيەۋى غايىسى بىلەن  ئۆز ئەمەلىيىتىنىڭ بىردەك بولغان-بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتىنىڭ قانداقلىقى تەرىپىدىن ئۆلچىنىدۇ. بىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىنى ئەنە شۇ ئۆلچەملەرگە سېلىپ كۆرسەك، ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىنقىلابىي شائىر، ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ-ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى. داڭلىق شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس، دراماتورگ. ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئىنقىلابىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت خاھىشىنى كۈچەيتىش، شۇ يىللاردىكى ئىجادىيەتنىڭ تېما دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئەدەبىياتنىڭ ژانىر-تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئەدەبىياتىمىزنىڭ باشقا ئەل-مىللەت ئەدەبىياتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە-مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇش، شۇنداقلا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى نەسىر «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ۋە پارلاق»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» ۋە تۇنجى ئەدەبىيات تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىش ئارقىلىق، بۇ تۈرنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 30-يىللارنىڭ ئاخىرى، 40-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىجاد قىلغان «خەلقىمگە»، «كۆرەشچان جۇڭگو خوتۇن-قىزلىرى»، «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»، «بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى»، «جۇڭگو پارتىزانلىرى»، «كۆرەش»، «جانان ئەيلەر»، «جۇڭگو»، «چوڭ كۆرەش قوينىدا»، «كۆرەش ئىلھامى»، «كۆرەش سېپىدىن شەپە»، «كۆرۈشىۋاتىمىز»، «ئىشلە، دېھقان ئاكا»، «كۆرەش دولقۇنلىرى»، «خوش»، «ئازادلىق تويى»، «باتۇرلار»، «مارشلار»، «جۇڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى»، «مۇخەممەس»، «ماي ناخشىسى»، «كەل يېڭى باھار»، «چوڭ بىر قەھرىمان ئويغاندى»، «دوستۇمغا»، «يەنە ئويغان»، «لېنىن شۇنداق ئۆگەتكەن»، «ماي، كۆرەشچان ئاي»، «يانار تاغلار»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «ھەسەن-ھۈسەن»، «يىللارغا جاۋاب»، «بىزنىڭ مۇھەممەد»، «مۇھتەمىلات»، «خىيالچان تىلەك»، «ئاخىرقى سۆز»، «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»، «كۆرەش قىزى»، «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» قاتارلىق ئەسەرلەر ئارقىلىق كۆرەش تېمىسىنى ناھايىتى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن، فېئودال قارا كۈچلەرگە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۆرەش ۋە دۇنياۋى فاشىزمغا قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان يىللاردا شىنجاڭدا جاھانگىرلىككە ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى دېموكراتىك ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى. بۇ ھاكىمىيەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جاھالەت ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى ئۇزاق مۇددەت كۆرەش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنىدى. ئاشۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتتە، ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ سىياسىي مەۋقەدە، كۆز قاراش جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم دراما-تىياتىرلىرىدا دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاشۇ كەسكىن كۆرەشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ئىدىيەسى بىلەن ئېنىق بولغان مۇھەببەت-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ مۇشۇ مەزگىلىدە ئىجاد قىلغان «جۇڭگو»، «بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى»، «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»، «پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «مۇھەببەت-نەپرەت»، «كۆرەش قىزى» قاتارلىق شېئىر-درامىلاردا ۋە نەسرىي ئەسەرلىرىدە، شائىرنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى ھىمايە قىلدى. ئۇلۇغ ۋەتىنىنى تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيەلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن باتۇرلارچە جەڭ قىلغان قەھرىمانلارنى مەدھىيەلىدى، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن دۇنيادا ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەردى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياپونىيەدە فاشىست ھۆكۈمەت تەشكىللىنىپ ئەمەلىي ھوقۇقىنى قولغا ئالدى. ياپون فاشىستلىرى ئىقتىسادىي كىرىزىسلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش نىيىتىدە پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا خوجا بولۇش كويىدا بولدى. 30-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جاھانگىرلار غالجىرلىشىپ كەتتى. ياپون مىللىتارىستلىرى قارا قولىنى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىغا سوزدى. تىنچلىقپەرۋەر جۇڭگو خەلقىگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى دېگەندەك ئېنىق بولمىدى. كۆرۈنۈشتە جاھانگىرلىككە قارشى پوزىتسىيەدە بولسىمۇ، لېكىن ئاستىرتتىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ كومپارتىيەنى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇنداق تەسلىمىچىلىك سىياسىتى داۋامىدا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە قولدىن كەتتى، خەۋپ ئېغىرلاشتى. 40-يىللارنىڭ بېشىدا گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىستلىرى پۈتۈن دۇنيانى بۆلۈشۈۋېلىشقا، بولۇپمۇ دۇنياۋى كوممۇنىزم ھەرىكىتىنى ۋە ئۇنىڭ شانلىق غەلىبىسىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور بەدەل تۆلىشى ۋە ئاخىرىدا ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە بۇرولۇش ھاسىل قىلىش بىلەن فاشىزمغا قارشى دۇنياۋى بىرلىكسەپ بارلىققا كەلدى. بۇ يىللاردا ئىلغار دۇنيا قاراش بىلەن قوراللانغان ئىنقىلابىي شائىر كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتەردى. بۇ جەرياندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تولۇپ-تاشقان يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئارقا سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلدى. بۇ جەرياندا تىللاردا داستان بولغۇدەك ۋەقەلەر ھەم نۇرغۇنلىغان قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىز مەيدانغا كەلدى. ئۇلار مىللەتنىڭ ئازادلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ھەم ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرىدۇر.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ مۇشۇنداق شارائىتتا  ئۆزىنىڭ درامىلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتىنى ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن بايان قىلغان. ئۇ كىشىلەرنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ئارقا سەپ قۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ چاقىرىقىنى «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق نەسىر ۋە فېليەتونلارنى، «كۆرەش قىزى» ئوپېراسى، «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» داستانى، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا» قاتارلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

«كۆرەش قىزى» ئوپېراسى 1941-يىلى ئاپرېلدا يېزىلغان. بۇ  ئوپېرانىڭ باش قەھرىمانى يۈلەن ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە يارىتىلغان بىر غايىۋى قەھرىمان. ئۇ جاھانگىرلارنىڭ توپ ئوقلىرى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىۋەتكەن مەلۇم بىر خىلۋەت يېزىدا جاھانگىرلار ۋە مىللىتارىستلارنىڭ زورلۇق-زومبولۇقلىرى ئاستىدا ھايۋاندىن بەتتەر تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولىدۇ. ئەينى دەۋردىكى مىللىي زۇلۇم بىلەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ زەربىسى ئۇنىڭ ھاياتىغا، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ماڭدامدا بىر قاتتىق ئېغىرچىلىقلارنى سېلىپ تۇرىدۇ. مەنىۋى جەھەتتىكى چىداپ تۇرغۇسىز جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭ قارشىلىق ئېڭىنى كۈنسايىن يېتىلدۈرۈپ، مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىدۇ، ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ پارتىزانلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ، فرونتتىكى دەھشەتلىك ئۇرۇش ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى يەنىمۇ ئاچىدۇ، ئۇنىڭغا ئاجايىپ جاسارەت، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ، ئەقىل-پاراسەت ئۆگىتىدۇ، ھەتتا ئۇ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىپ، ئۆلۈم خەۋپى ئىچىدە قالغان مىنۇتلىرىدىمۇ قىلچە ھودۇقماي دۈشمەن ئوفېتسېرىنى ئەپچىللىك بىلەن باپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق جەڭگە قاتنىشىپ چوڭ غەلىبىلەرگە ئېرىشىدۇ ھەم ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدۇ.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ  ئوپېراسىدا يۈلەننى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، يۈلەن ئائىلىسىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى نۇقتىلىق تەسۋىرلىگەن. ياپون باسقۇنچىلىرى يۇرتىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، يۈلەن ئائىلىسىگە كېلىپ، بۇ ئائىلىنى پاراكەندە قىلىدۇ. دۈشمەن ئوفېتسىرلىرى يۈلەنگە يامان نىيەتتە بولىدۇ، يۈلەن ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دۈشمەنگە تېز پۈكمەيدىغان خاراكتېرنى ئىپادىلەپ، دۈشمەن بىلەن بولغان كۆرەشتە شەرەپ بىلەن قۇربان بولىدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ خىل خاراكتېرنى بوۋاينىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق ئىپادىلىگەن:

«مەندە بارى پەقەت نەپرەت، قىزىم يوق مېنىڭ،

سەنلەر ئادەم ئەمەس، بەلكى ۋەھشىي قاۋانلار.

سەنلەر ھېسسىز، قارا يۈرەك، شەپقەتسىز زالىم،

سەنلەر ئادەم تالايدىغان يىرتقۇچ ھايۋانلار.

ۋەھشىيلىكىڭ ئەگدۈرەلمەس بىزنى ھەرگىز باش،

بىز چىدايمىز كەلگەندىمۇ قانچە زور ئاپەت.

‹لوگوچياۋ›نىڭ توپ ئوقلىرى ئويغاتتى بىزنى،

 غەزەب ئوتى ياندى تىلدا، پۈتتى بۇ تاقەت.

جاللات، مۇشۇ پەيتتە مېنى ئۆلتۈرەلمەيسەن،

يېڭەلمەيسەن جۇڭگولۇقنىڭ جاسارىتىنى،

كۆتۈرۈلگەن تۆمۈر مۇشتلار قايتۇرولمايدۇ،

جۇڭگو خەلقى بولدى تاغدەك مەزمۇت ئىتتىپاق،

بۇ زېمىندا ياتقان تاغلار ئاغدۇرولمايدۇ.

يوق قىلىشقا مەھكۇملۇقنىڭ ئاسارىتىنى،

ئەرك ئىزدەپ كەلدى ئۇلار ئۇلۇغ نىيەتكە.

ئازادلىقنىڭ ئۆركەشلىگەن بۇ دولقۇنلىرى،

سەن ياۋلارنى كۆمگىسىدۇر قارا لەھەتكە!

قەھرىمان ئەل قارشىسىدا سەنلەر بىر چاشقان،

دۇنيا بويلاپ يامرىماقتا كۈلكە ھەر ياققا.

جاھانگىرلار ۋە فاشىستلار ئۆلۈمگە مەھكۇم،

سەن جاللاتلار ئاللىقاچان پاتتىڭ پاتقاققا.

نىجادلىق يوق، بۇ پاتقاققا پاتقىنىڭ پاتقان،

ھەممە يەردە ئۇلۇغ يالقۇن، ھەممە كۆرەشتە،

ھەممە يەردە قېزىلماقتا سەنلەر ئۈچۈن گۆر،

چوقۇم يەكسان بولۇشىسەن بۇدۇر تەۋرەشتە». ①

لۇتپۇللا مۇتەللىپ  ئۆزىنىڭ بۇ  ئوپېراسىدا دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆرۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشكە چاقىرىلغان، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرغان قەھرىمان ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان، شۇنىڭ بىلەن ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ خەلققە ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەتلىرىگە نەپرەت ياغدۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئۆتكەن 1942-يىلى 8-ئايدا يازغان «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» ناملىق مەشھۇر فېليەتوننى يېزىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىگە غايەت زور مەدەت بەردى. پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا بولغان كۈچلۈك قەھرى-غەزەب ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ياپون جاھانگىرلىرىنى مەغلۇب قىلىدىغانلىقىنى، ئادالەتسىز ئۇرۇشنىڭ ھامىنى مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى  ئۆز ئەسىرىدە ئىپادىلەپ، خەلقنى ياپونغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. شائىر يەنە 1942-يىلى ئاپرېلدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتلىغان ئۇرۇشنىڭ ئالتە يىللىقىغا ئاتاپ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» دېگەن داستانىنى ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، پەقەت ۋەتەنگە، خەلققە ھەقىقىي مۇھەببەت باغلىغان ۋە كېرەك بولغاندا، بۇ يولدا  ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان ئادەملەرلا ھەقىقىي مۇھەببەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى شەخسىي مۇھەببەتنى ۋەتەن ۋە ئەل ئالدىدا قۇربان قىلىش كېرەك دەيدۇ. گەرچە، ئۇرۇش شەرقىي شىمالدا، جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتە بولۇۋاتسىمۇ، شائىر  ئۆزىنى ئۇرۇشتا دەپ قاراپ، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى  ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادە تاپقۇزدى. يەنە «خەلقىمگە» ناملىق شېئىرىدا گەۋدىلىك قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ياردەم توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتەن تۇپرىقىدىن بالدۇرراق قوغلاپ چىقىرىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان.

«جەڭ مەيدانىدا غالىب بولماقتىمىز،

قەھرىمانلارغا ياردەم توپلاش كويىدا بول.

ئاخىرقى چوڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشقا،

جاھانگىرلارغا توسالغۇ ئۆڭكۈر-غار بول.

ئازادلىق يولىنى مەزلۇملارغا ئېچىشقا،

ئۇلارنىمۇ ئىنسان قاتارىغا قېتىشقا،

قاراڭغۇ ماكانغا ساپ نۇرلار چېچىشقا،

سۆيۈملۈك خەلقىم، قۇۋۋەتلىك ساپ نۇر بول». ②

1937-يىلى ياپون جاھانگىرلىكى خوجا بولۇش، جۇڭگونى قۇل قىلىش مەقسىتىدە جۇڭگوغا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. بۇ چاغدا ياپون جاھانگىرلىرىنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى بولۇپ قالغانىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلىكسەپ قۇرۇشقا چاقىردى. ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۆرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلاندى. جياڭ جيېشى ئەكسىيەتچىلىرى بولسا ھەدەپ بىرلىكسەپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تاشقى دۈشمەنگە پاسسىپ قارشى تۇرۇش، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئاكتىپ قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تەسلىمىچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى، كىمنىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر، كىمنىڭ ۋەتەن ساتقۇچ ئىكەنلىكىنى ئايرىيدىغان بۇ ئۇلۇغ كۆرەشتە لۇتپۇللا مۇتەللىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆتەرگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇغىغا زىچ ئەگىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ جەڭگىۋار روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

تارىخنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئۈزۈپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان سەككىز يىللىق ئۇرۇش تارىخى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىجادىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك باھا بەرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ درامىلىرى ئەينى دەۋردە يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ-كىچىك سانايى نەفىسەلەردە بەس-بەستە ئوينىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەتكە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشتا، دۇنيا فاشىزمى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتا، خەلقىمىزنى مىللىي زۇلۇمغا، ئادالەتسىزلىككە، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ۋە قالاق-چىرىك فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى قوزغىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى درامىلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى جۇڭگو-ياپونىيە ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۈچلۈك دەۋر روھى بىلەن سۇغۇرولغان جاھانگىرلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى قايناپ تاشقان، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە بولغان ھەۋەس-ئىشتىياقى راسا كۈچەيگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن درامىلىرىنى يېزىپ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.

شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي پائالىيەتلىرى شۇ چاغلاردا يالغۇز ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدىلا قارشى ئېلىشقا ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى شۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىپ كېلىۋاتقان بىرمۇنچىلىغان خەنزۇ ئاپتورلىرىنىڭمۇ دىققەت ئېتىبارىنى  ئۆزىگە تارتقانىدى. شۇ چاغدىكى بىر خەنزۇ ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ 1946-يىلى 8-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «.  . .  باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بىر ياش شائىر لۇتپۇللامۇ بار. بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا ئېچىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىپ ئۆتۈشىمىز لازىم.  چۈنكى، ئۇ ھازىر دۇنيادا يوق بىر كىشى. . .  ».

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شۇ دەۋر خەلقىمىز ئىچىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، دۇنياۋى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش تېمىلىرىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپتەك كۆپ ئەسەر يازالىغان، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى توغرا مۆلچەرلىگەن يەنە بىر تالانت ئىگىسى تېپىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قۇرۇقتىن-قۇرۇق ۋەز-نەسىھەت شوئارلار بىلەن تولغان بولماستىن، بەلكى ئەينى دەۋرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى، بەدىئىي ئوبرازلارنى، لىرىك قەھرىمانلارنى يارىتىش يولى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ياپون جاھانگىرلىكىگە، فاشىزمغا قارشى تۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا كەڭ بولغان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى  ئۆز ئەسەرلىرىگە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. مۇشۇنداق ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلققە  بولغان مۇھەببىتى ئەكسىيەتچىلىككە، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ يازغان ئەسەرلىرى بولسا، ئاخىرقى ھېسابتا خەلقنىڭ ئازادلىقى، ھۆرلۈكى، مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ۋە پاراۋان بولغان تۇرمۇشى ئۈچۈن قىلغان تېنىمسىز كۆرەش بولۇپ، كىشىلەرنى پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرغان.  ئۆز ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنى  ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن بېزىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇشبۇ تۆھپىلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ قەلبىدە نۇرلۇق ئابىدە سۈپىتىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يادلانغۇسى.

ئىزاھلار:

①لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «كۆرەش قىزى»[M]، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 159-، 160-بەت.

②لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «خەلقىمگە»[M]، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 3-، 4-بەت.

پايدىلانمىلار:

1. مېھرىنسا ئەينىدىن: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى»[J]، «خوتەن پېداگوگىكا تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2005-يىللىق 3-سان. 

2. جاپپار ئەمەت: «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى» [J]، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1982-يىللىق 4-سان.

3. ئاۋۇت توختى: «شىنجاڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە تۇتقان ئورنى ۋە ئوينىغان رولى»[J]، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1995-يىللىق 4-سان.

4. «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»[M]، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى 8-ئاي. 


   مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز