بەدەن چېنىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كاربون سۇ بىرىكمىسى بىلەن ئاقسىلنى تولۇقلىغاندا، موسكۇلنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
قاندىكى شېكەر ماددىسى قان تەركىبىدىكى گىلۇكوزا بولۇپ، ئۇ ئادەم تېنىدىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيەنىڭ كېلىش مەنبەسى. ئەگەر قاندىكى گلۇكوزىنىڭ قۇيۇقلۇقى بەك تۆۋەن بولسا، قاندىكى شېكەر ماددىسىنىڭ تۆۋەن بولۇش ئىنكاسى يۈز بېرىپ، ئېغىر بولغاندا ئادەم تېنىنىڭ نورمال پائالىيەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن كېيىن، ئازراق ھەسەل ئىچىپ بېرىش قاندىكى شېكەر ماددىسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇشىنى ساقلاپ، مۇسكۇلنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. تەتقىقاتچىلار تەنھەرىكەتچىلەرگە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شۇئان ئاقسىل ۋە كاربون سۇ بىرىكمىسىنى تولۇقلىغۇزغان. بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر شېكەر، يەنە بىر قىسىملار ھەسەل تولۇقلىغان. نەتىجىدە، ھەسەل ئىچكەن گۇرۇپپىدىكى تەھەرىكەتچىلەر چېنىققاندىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە، قاندىكى شېكەر ماددىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ساقلىغان.
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى