تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (9)
ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى
قىشنىڭ بىر ئاخشىمى ئۈچ ياش ئۆيدە قىمار ئوينىدى، ئارىدا ماك بىلەن جېك بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ كىردى. ماك بالدۇرراق، جېك كېيىنرەك چىقتى، ئۇلار قايتىپ كىرىپ 10مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
بۇ ئۈچەيلەن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابىنى ئېلىپ باتۇرلۇق بىلەن ئوتقا قاراپ ئېتىلدى، ئۇلار بىرھازا ئېلىشقان بولسىمۇ، ئوت ئۆچىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ماك ئوت ئۆچۈرۈش سۈيىنى ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەردى، جېك سۇ توڭلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ماك بۇنىڭ بىلەن كارى بولماي بېرىپ سۇنى ئاچتى، دەرۋەقە سۇ توڭلاپ قالغان ئىدى. لېكىن ئويلىمىغان يەردە مۇز ئاستىدا بىر ئادەم ياتاتتى، بىر ياش قىز مۇز ئاستىدا غەمسىز مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
ياشلاردىن بىرى مۇزنى يېرىپ جەسەتنى ئالدى، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن مۇشۇ يەرگە تاشلاپ قويۇلغاندەك قىلاتتى.
ساقچىلار يېتىپ كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈردى ھەمدە بۇ ئۈچ ياشنى سوراق قىلدى. گۇماندارلار ئارىسىدا ئىلگىرى كېيىن سىرتقا چىققان ماك، جېك ئىككىيلەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگۈچىنىڭ ھازىرقى مۇھەببىتى، يەنە بىرى ئۆلگۈچىنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببىتى بولۇپ، جېك ھازىر ئۆزىنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتاتتى، ئۇ تېخى ئوت ئۆچۈرگۈچىمۇ بولغانىدى.
شۇنداق قىلىپ ساقچى ۋازارىتى جېكنى قاتىل دەپ بېكىتتى، جېك قايىل بولمىدى. ساقچى تەرەپ مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ، تەجرىبە قىلىپ كۆرسەتتى، جېك كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.
دېلونى پاش قىلىشتا ساقچى ۋازارىتىنىڭ ئاساسى نېمە؟
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (8)نىڭ جاۋابى:
ماي بوياق رەسىمى سىزغاندا، بىر قول بوياق تاختىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئۇ قول ئاپتاپتا كۆيمەيدۇ، لېكىن باش بارماق بوياق تاختىسىنىڭ تۆشۈكىدىن سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئۇمۇ ئاپتاپتا كۆيۈشى كېرەك. رەسسام سولغاي بولغانلىقتىن بوياق تاختىسىنى ئوڭ قولىدا تۇتۇشى كېرەك، لېكىن ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىنىڭ ھەممىسى ئاپپاق بولۇپ، بەش بارماق ئاپتاپتا كۆيمىگەن. بۇ ئىش ئىشلارنى ئىنچىكە ئويلايدىغان خونتېرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان.