شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىنستىتۇتى جەمئىيەتتىن 48 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ.
تىزىملىتىش ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈندىن 25-كۈنىگىچە بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن بولغانلار مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى ئېلىپ، مائارىپ ئىنستىتۇتى كادىرلار ئىشخانىسىدا تىزىملاتسا بولىدۇ. (ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى نۇرلۇق يولى 333-نومۇر خوۋدې 厚德 بىناسى 602-ئىشخانا)
سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بولۇپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى، مائارىپ ئىنستىتۇتى ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھاننىڭ كونكرېت ۋاقتى ۋە ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. ئۇچۇر تەپسىلاتىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn) ۋە شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىنستىتۇتى (www.xjei.cn) نىڭ ئورگان تورىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.