ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! نۇر تورىدىكى بارلىق خانىيم قىزلار ، www.hanimkizlar.cn تېۋىبە پاتىگۈلدىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام . تۆۋەندە خانىم قىزلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان ئەمما سەل قارىلدىغان كىسەللىك ئالامىتى سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچىمەن. سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كىلىش بولسا مۇستەققىل كىسەللىك بولماستىن، داس بوشلۇقى ياللۇغى،بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ قۇشۇمچىلىرى ياللۇغى ، سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى ........ قاتارلىق نۇرغۇن كىسەللىكلەرنىڭ كىسەللىك ئالامىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللار بۇنىڭغا سەل قارايدۇ دەشۇ سەۋەپتىن يۇقارقىدەك بىر نەچچە خىل كىسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنى ھەتتا بۇ ئالامەت سۇزۇلما ھالىتىدە نۇرغۇنلىغان ئەگەشمە ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىڭلارنى سورايمەن . ئەگەر سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كىلىش ئالامىتى كۆرۈلگەندەداس بوشلۇقى ياللۇغى،بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ قۇشۇمچىلىرى ياللۇغى ، سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى ........ قاتارلىق نۇرغۇن كىسەللىكلەرگەتەرەققى قىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىرتقى جىنسى ئەزانىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇنداقتا يۇقارقىدەك كىسەللىكلەرگە تەرەققى قىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاپ: 1. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ سىرتتىن ئىشلىتىلدىغان يۇيۇلما دورىلىرىدىن مامرانچىنى، شاھتەررە، چۆبىچىن، ئاق لەيلى گۈلى قاتارلىق دورىلارنى دورا بەرگەن تىۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بىر قېتىملىق قاينىتىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ قاينىتىپ قۇۋۋىتى چىققاندا سىرتتىن تىرىنى كۆيدۈرمىگۈدەك ھالەتتە كۈندە ئىككى قېتىم يۇيۇپ بېرىش كېرەك. 2.ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مۇرەككەپ دورىلىرىدىن قۇرسى چۆبىچىن ، ياللۇغ قايتۇرۇش جەۋھىرى، قۇرسى ئۆشبە، قاتارلىق دورىلىرىدىن خالىغاننى ئېلىپ بىرەر ھەپتە ئىستىمال قىلىۋېتىش كېرەك. 3.پەرھىز تۇتۇش ئۇسۇلى لازا-ئاچچىقسۇ ئارلاشتۇرۇلغان سوغوق تەبىئەتلىك مىۋە-چىۋە ھەرخىل مۇزلاتقۇدىن ئېلىنغان سوغوق ئىچىملىكلەر، قىيمىلىق تائاملاردىن سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كىلىش ئالامىتى ئوڭشالغۇچەپەرھىز تۇتۇش كېرەك. زىيادە تار ئىشتانلارنى كىيشتىن ساقلىنىش كېرەك.پاتىگۈل تىۋىبەيازمىسى
يازما ئاپتۇرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى 2007 -يىللىق داۋالاش فاكولتىتىدىن .