تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئـاشقـازىـنـىـڭىز ئـاغـرىـمـدۇ؟

 

1. ياڭاق مېغىزىنى ھەر كۈنى 2-3 قېتىم ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق چايناپ بەرسە ئاشقازان كېسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش ۋە ئاشقازن يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ . 
2. 12 گرام ئالما پوستىنى قاينىتىپ ياكى دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازان كېسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش ، ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ . 
3. ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولغانلار كاللەك يېسىۋىلەكنى ئېزىپ بىر پىيالە سۈيىنى چىقىرىپ ئىستىۋەكەندىن كىيىن ، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر كۈنى 2 قېتىمدىن ئۇدا 10 كۈن ئىچىپ بەرسە ئاغرىقنى توختىتىپ . يارنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . 
4. مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم شورپسى ئىستىمال قىلسا ئاشقازان يارسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ . 
5. ئۈزۈم ھارىقىغا يۇمغاقسۈت چىلاپ ئىچسە ، سوغۇق تەرلەش ۋە ئاشقازان ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ . 
6. قارىمۇچنى سۇقۇپ تاسقاپ ، سۇپۇپ قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا كاپ ئەتسە ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ . 
7. بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر بىلەن قائىدە بويىچە شەربەت قىلىپ ،كۈندە 3 ۋاخ ھەر قېتىمدا 50 مىللىمىتىردىن ئىستىمال قىلسا جىددى ۋە سوزۇلما تىپتىكى ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ . 
8. بېھىنىڭ چىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى كۈندە 3 ۋاخ ، ھەر قېتىمدا 30 مىللىمىتىردىن ئىچسە كۆڭۈلنى ئېچىپ ، ھارغىنلىقنى بېسىپ ، ئاشقازاننى كۈچەيتىدۇ . 
9. ئانارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ ، يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ تەييارلاپ كۈندە 3 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 5 گىرام ئىستىمال قىلسا ئاشقازان ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ . 
10 .ئاشقازان كۆپۈپ ياكى كۆيۈپ ئاغرىسا زىرنى قايناق سۇغا سېلىپ دەملەپ ئىچسە شىپا قىلىدۇ . 
11. بەسەينى سۇڭپىياز ، زەنجىۋىل  بىلەن قوروپ ئاشقازان ساھاسىگە تېگىپ بەرسە ئاشقازان  ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ . 
12 .خام زەنجىۋىلنى سۇدا بىر ئاز قاينىتىپ ئۈستىگە ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازان كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ . 


مەنبە : تاللانغان شىپالىق رىتسىپلار . 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز