(ھېكايە)
ستىئۇئارت (ئەنگلىيە)
11ياش ۋاقتىمدا، بىر كۈنى دادام ئىككىمىز ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ سىرتقا چىقتۇق. شىمالىي رايوندىكى دەپنە ئىشلىرى ئورنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ دادام تۇيۇقسىز مەندىن سورىدى:
- سائەت نەچچە بولدى؟
- 10 دىن 25مىنۇت ئۆتۈپتۇ، دېدىم سائىتىمگە قاراپ.
- نېمىلەرنى كۆردۈڭ؟ سورىدى دادام.
- باشقىچە ئىش يوققۇ، 100 دەك ئادەم تىزىلىپ دەپنە ئىشلىرى ئورنىغا كىرىۋېتىپتۇ.
- شۇنداق ياخشى كۆزىتىپسەن، دېدى دادام بېشىنى لىڭشىتىپ.
ئارقىدىنلا دادام گەپنى بۇراپ، مەن بىلەن تەنتەربىيە ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا باشلىدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن دادامنىڭ كۆزىنىڭ يەنىلا دەپنە ئىشلىرى ئورنىدا ئىكەنلىكىنى بايقاپ، دادامدىن سورىدىم:
- يەنە بىردەم ئايلىنامدۇق، قانداق؟
دادام دەرھال جاۋاب بەرمىدى. بىردەمدىن كېيىن تۇيۇقسىز مەندىن يەنە سورىدى:
- بالام ھازىر نېمىنى كۆردۈڭ؟
مەن دەپنە ئىشلىرى ئورنىنىڭ دەرۋازىسىغا قارىسام، باياتىن كىرىپ كەتكەن كىشىلەر تەرتىپ بىلەن چىقىۋېتىپتۇ.
- يەنىلا باشقىچە ئىش يوققۇ، بەلكىم تەزىيە مۇراسىمى ئاخىرلاشقان بولسا كېرەك، بايام كىرىپ كەتكەنلەر چىقىۋېتىپتۇ شۇ، دېدىم مەن.
- توغرا، ئېيتتىڭ، قاراپ باقە سائەت نەچچە بوپتۇ، -دېدى دادام.
10 دىن 50 مىنۇت ئۆتۈپتۇ.
دادام بېشىنى لىڭشىتىپ، نېمىنىدۇر بىر ئىشنى خىيال قىلغاچ شۇنداق دېدى:
- توغرا، ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى خۇلاسىلەشكە شۇنچىلىكلا ۋاقىت كېتىدۇ.
- قايسى ۋاقىت؟ دېدىم مەن دادامنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلمەي.
قارا ئوغلۇم، دەپنە مۇراسىمىدا باستېر دەپنە نۇتقى سۆزلەيدۇ. بۇ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىنىڭ يەكۈنى. دەپنە سۆزى 20مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئوڭۇشسىزلىق ياكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارالغان ئىشلار ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان كىچىككىنە بىر ئىش. ئۇ ئىشلار بۇ 20 مىنۇتلۇق قىسقىغىنا دەپنە سۆزىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ. سەن چوڭ بولغاندا مەيلى مەيۈسلەنگەن ياكى خۇشال بولغان ۋاقتىڭدا بولسۇن، بۇ سۆزۈمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت. شۇ چاغدا كۆز ئالدىڭدىكى يولنىڭ ئىنتايىن داغدام ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.
ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى