تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
گۈرۈچ سۈيىنىڭ 10 چوڭ يوشۇرۇن ئۈنۈمى بار، تۆكۈۋەتمەڭ!

گۈرۈچ سۈيىدە بەلگىلىك ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمىنت بار، بولۇپمۇ گۈرۈچنى بىر-ئىككى قېتىم يۇيغان سۇدا كالىي بار، گۈرۈچ سۈيىنىڭ PH قىممىتى5.5 ئەتراپىدا بولۇپ، ئاجىز كىسلاتالىق، ئىچىگە تۇز قوشۇۋەتسىڭىز، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، قاننى سوۋۇتۇپ، زەھەرنى ياندۇرىدۇ.

گۈرۈچ سۈيىنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاقسىل، كىراخمال، مېنىرال ماددا بار، يۈز يۇيۇپ تېرىنى نەملەشكە باب كېلىدۇ، قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان دىۋارىدىكى شىلىمشىق پەردىنى قوغدايدۇ، يىغىندى يېمەكلىكنى يوقىتىش ۋە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىققا ياردەم قىلىدۇ.

تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىمۇ گۈرۈچ سۈيىنىڭ تېرىدىكى ماينى يوقىتىپ، تېرىنى نەملەش رولى بارلىقىنى ئېيتقان. بولۇپمۇ دانىخورەك كۆپ چىقىدىغان، تەر تۆشۈكچىسى توم، چوڭ، مايلىق تېرىلىق قىزلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ.

1. گۈرۈچ سۈيىدە قول يۇيسا، كىر چىقىرىپلا قالماستىن، تېرىنى سىلىقلايدۇ.

2. گۈرۈچ سۈيىدە قاچا-قۇچا يۇيسا كىرنى پاكىز چىقىرىدۇ، خىمىيىلىك تەركىبمۇ يوق، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن ياخشى.

3. يېڭى قۇم قازاننى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، گۈرۈچ سۈيىدە پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، شوۋىگۈرۈچ سېلىپ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق قاينىتىۋەتسە سۇ ئۆتمەيدىغان بولىدۇ.

4. ئەمبەلنى ئىشلەتكەنسېرى سېسىق پۇراپ قالىدۇ، ئەگەر گۈرۈچ سۈيىگە بىردەم چىلاپ قويۇپ ئاندىن تۇز سېلىپ يۇيۋەتسىڭىز سېسىق پۇراق چىقىپ كېتىدۇ.

5. قىڭراق، كەپكۈر، تۆمۈر قوشۇق قاتارلىق تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا بۇيۇملىرىنى قويۇق گۈرۈچ سۈيىگە چىلاپ قويسىڭىز، داتلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاۋۋال سۇدا بىرقانچە سائەت چىلاپ قويسىڭىز، داتنى ئاسانلا يۇيۇپ چىقىرىۋېتەلەيسىز.

6. بەتپۇي پۇرايدىغان كۆكتاتلارنى گۈرۈچ سۈيىدە يۇيۋەتسىڭىز پۇرىقى يوقايدۇ.

7. بازاردىن ئەكىرگەن گۆشكە بەزىدە چاڭ-توزان قونۇپ قالىدۇ، سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش تەس، ئەگەر گۈرۈچ سۈيىدە ئىككى قېتىم يۇيسىڭىز چىقىپ كېتىدۇ.

8. ھازىرلا سىرلانغان ئۆي جاھازلىرىدە سىر پۇرىقى بار، گۈرۈچ سۈيىدە بىرقانچە قېتىم يۇيۋەتسىڭىز پۇرىقى چىقىپ كېتىدۇ.

9. ئاق كىيىملەرنى گۈرۈچ سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن سوپۇندا يۇيىۋەتسىڭىز كىيىمىڭىز يېڭى ئالغاندىكىدەك ئاقىرىپ كېتىدۇ.

10. لۆڭگە مېۋە شەربىتى، تەر يۇقى بىلەن سېسىق پۇراپ قالىدۇ ھەمدە قاتتىقلىشىۋالىدۇ. ئەگەر گۈرۈچ سۈيىگە 10مىنۇت چىلاپ قويسىڭىز ھەم ئاقىرىپ كېتىدۇ ھەم يۇمشايدۇ.



ئەسلى مەنبەسى: خەنزۇچە تور بەت
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز