ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: يېڭى بىر خىل ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدۇق ۋە بۇ ۋاكسىنا كىشلەرنىڭ تاماكا تاشلىشىغا ھەمدەم بولۇشى مۇمكىن.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بۇ ۋاكسىنا نىكوتىنغا چاپلىشىۋالغان ئانتىتېلانى كۈچەيتىش ئارقىلىق نىكوتىن رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىدۇ، چۈنكى بىز بۇ ۋاكسىنىنى چاشقانغا سىناق قىلغاندا نىكوتىنىڭ چوڭ مېڭىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىغانلىقىنى بايقىدۇق؛ ئەمدى بىز بۇ ۋاكسىنىنىڭ رېتسىپىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئادەمگە سىناق قىلماقچى بولىۋاتىمىز.