تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئايىمنىسا سۇلايمان: بىر پارچە ئاسمانمەن پايانىڭ ئارا

بىر پارچە ئاسمانمەن پايانىڭ ئارا


ئايىمنىسا سۇلايمان

 

سۈكۈت

 

ئۆزۈم ئۆزۈمدە باشلانغان دەريا،

يەنە ئۆزۈمدە مېنىڭ تامامىم.

سەھەرلەر كەيپىمدە قاناپ تۇرىدۇ،

بىر ھەسرەت ئىچىدە مېنىڭ داۋامىم.

 

چۈشلەردىن چۈشلەرگە توزىغان جىمجىت،

بىر پارچە ئاسمانمەن پايانىڭ ئارا.

بىر سىقىم تۇپراقمەن ئالقىنىڭدىكى،

ھېچنەرسە بەرمىگىن ماڭا ئەي دۇنيا.

 

ھاياتنىڭ ئاخىرقى چېكى قەيەردە؟

جەسىتىم كۆزۈڭدە مىدىرلاپ يۈرگەن.

جېنىمغا جان قوشۇپ كەلمىدىڭ، ئەمما

سەن مېنىڭ جېنىمدا ئاققىنىڭ بىلەن.

 

ھېچكىمگە ھېچنىمە دېمەيمەن بەلكىم،

ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە كۆمىمەن رەت-رەت.

كۈتمەيمەن ھېچنىمە سەندىن ۋە يەنە،

كېتىمەن يالغۇزلا يەنە ئاقىۋەت...

 

مەۋھۇملۇق 

 

مەن ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن ئىچىمدە،

ئۆلۈمدەك قاپقارا كېچىگە قاراپ.

 يورۇتقىن ئېھ مېنى، يورۇتقىن جېنىم،

بىر سەندە ئوت بولۇپ كۆيەي چاراسلاپ.

 

ھاياتنىڭ ئاخىرقى چېكى قەيەردە؟

تۇيۇقسىز ئۈزۈلەر گۈللەرنىڭ بەرگى.

يېيىلىپ ياتىدۇ جىمجىت بىر سۈكۈت،

ھېچنىمە ئەمەس گاھ يۈرەكنىڭ نەرقى.

 

ئازابنىڭ قىساسى ئەمەس بىردەملىك،

تەكرارلىق ئۆلۈمدىن بىرەر بىشارەت.

قايتىمەن ئۆزۈمنىڭ يولىغا ئاخىر،

ئۆتكۈزۈپ شۇنداق بىر گۈزەل جىنايەت.

 

   گۇگۇم لىرىكىسى

 

ئۆزۈمگە كۆيۈۋاتقان بىر پارچە ئوتمەن،

چېقىلار چۈشۈمنىڭ قارا رەڭلىرى.

زارىقىپ كۈتۈشلەر، گۈزەل بەرباتلىق،

ياندىكى ئىشىكنىڭ چېكىلىشلىرى.

يوللاردا ئۇچۇپ يۈرگەن ئاخىرقى شامال،

ئۈچىنچى شەخستەك ئۆتەر سوقۇلۇپ.

تامچىلاپ تۇرىدۇ كۆڭۈلگە مىسكىن،

چۈشسىمان بىر كەچمىش ئۇندا ئۇۋۇلۇپ.

دېڭىزمەن، ئىچىمدە تاشالمايۋاتقان،

بىر ئۆركەش تېنىمنى تۇرىدۇ يالماپ.

ئېھ، بىر تۈپ دەرەخ بار كۆككە بوي سوزغان،

مەن بارچە مېھرىمنى بەرگەن ئاۋايلاپ.

چۈش كەبىي يوق بولار ھەممە ئاقىۋەت،

گۇگۇم، ئۇ-مەڭگۈلۈك پىنھان غېرىبلىق،

بىر گۈزەل ئايالنىڭ كۈتۈشلىرىدە،

چاراسلاپ يانىدۇ جىمجىت بىر تىنىق.

ھايات گوياكى كۆيۈۋاتقان شام،

ئۇ ھامان تۈگەيدۇ زۇلمەتلەر ئارا.

ئۆلۈم، ئۇ-ئۇزاشتۇر بارچە-بارچىدىن،

نېمە مەندە بارى، ئېيتقىن ئەي دۇنيا؟

 

  بۇ شۇنداق بىر ھايات

 

ھايات پايانىمدا چېقىلار چۇل-چۇل،

ئۆلۈم پايانىمدا كۈلەر قاقاھلاپ.

 

چۈشلەردە ماڭىمەن ھەممىسى ھەسرەت،

يوللاردا غېرىبلىق سالىدۇ ساما.

ياشىدىم دېيىشكە بارمايدۇ تىلىم،

تىرىكلىكىمنى بىلىمەن، ئەمما.

 

كەچكۈزنىڭ گۈللىرى توزۇپ تۈگىدى،

بۇ شۇنداق بىر ھايات چۈش كەبىي يالغان.

بىر يالقۇن ئىچىمگە چاچىدۇ شولا،

بىر خىيال مەندىكى ئاخىرقى ئىمكان.

 

ئۆلۈم، ئۇ-رىۋايەت ئەزەلدىن بىرى،

جىمجىتلىق ئەسلىدە جۇدالىق سىرى.

 

قىسمەتلەر ئىچىمدىن تېشىپ تۇرىدۇ،

بەرداشلىق بېرىشكە ئىزدەيمەن سەۋەب.

قاقشالغا ئايلانغان چۆلمەن بىپايان،

 يەنىلا قۇياشنى سۆيىمەن ئەجەب.

 

كۆيۈشكە تاقەت بار، توزۇشقىمۇ ھەم،

دۇنيانىڭ ئاخىرى چۈش ياكى ماتەم.

 

      ۋەھىمە  

 

يوقلۇق يوللىرىمدا يالقۇنجىغان ئوت،

يوقلۇق يۈرىكىمنى غاجىلاپ تۇرغان.

باياۋان چۈشلىرىمنى ئوۋلايدۇ مەغرۇر،

قېنى مەندىكى شۇ سۈزۈك ئىمكان؟

قەلبىمنى ئالەمچە يايسام تۈنلەرگە،

تۈنلەردە مىڭ يىللىق ھىجران ياتىدۇ.

چۈشلەرنىڭ ھەممىسى يالغاندۇر بەلكىم،

شۇ ئوتلۇق قۇياشمۇ ھامان پاتىدۇ.

پاتىمەن يوقلۇققا ئۈن-تىنسىز ئاخىر،

ئىزدىمەس ھېچكىشى مېنى يىللاردىن.

بىر ئۆلۈم ئىچىمدە كۆكلەر باراقسان،

يىراقلاپ كېتىمەن ئاتەش دىللاردىن.

يوقلۇق كېزىپ يۈرەر ئاسمان-پەلەكنى،

يوقلۇق ئىچىمگە لىق تولغان ئاۋاز.

قورقىمەن بەك ئۇزاق ئازابلىنىشتىن،

روھىم ئۆز-ئۆزىگە قىلمىسا پەرۋاز.

قورقىمەن ئۆزۈمگە بەرمەستىن ئىزاھ،

ئۇنتۇلۇپ كېتىشتىن ئەسلەردىن تامام.

بىر ئانا ياشايدۇ بالا قەلبىدە،

بۇ ھايات چۈش كەبىي قىلغاندا داۋام.

قورقۇنچ، قورقۇنچ، يەنە قورقۇنچ،

ھەممىسى يوقلۇقتۇر، يوقلۇقتۇر پەقەت.

ئىنساننى كۆزىتىپ تۇرار بىر نىگاھ،

ئۇ يەرگە لىق تولغان بارچە مۇھەببەت.

مۇھەببەت، مۇھەببەت، پەقەت مۇھەببەت،

گۈزەللىك ئېپ كېلەر ھەممىگە چەكسىز.

يوقلۇق دەھشىتىدە ئېزىلسە يۈرەك،

بۇ جاھان يوقلۇققا ئايلىنار شەكسىز.

 

ئۆزىگە سىرغىش

 

ئۆزۈمگە تاشماقتىمەن،

يالغۇزلۇق، غېرىبلىق، جىمجىتلىق

سىرغىماقتا نىگاھلىرىمدىن.

 

ھايات مەندە ئاقار پەرىشان،

ئادەملەر، ماشىنىلار، ستولبىلار،

ۋاقىتنىڭ ئىزاھى بولالماس ھامان.

 

كېچىلەرگە تامچىلاۋاتقان بىر خىيال،

مېنىڭ يۈرىكىمدۇر ۋە ياكى سېنىڭ.

سۈبھىلەر

ئۆز تىلىدا سۆزلەيدۇ يارقىن،

قۇياشقا سۆزلەۋاتقان مېنىڭ قەلبىمدەك.

 

ھايات ـــ بىرىنچى ھەسرەت،

كۆزلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا جىمىرلاپ تۇرغان.

ياپراقلار

چۈش كەبىي توزۇيدۇ،

ئىزدىسەڭ تېپىلمايدۇ ياۋايى ئورمان.

 

    چۈش، دەرەخ ۋە جىمجىتلىق

 

چۈشلەرنىڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتالمايمەن،

ھايات ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان گۈزەل رىۋايەت.

يوللارنىڭ ئاخىرى قاپقارا ھىجران،

گۇگۇملاردا سانسىز جىنايەت.

ياز ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرار قارلاردىن،

قاراقلاردا بار بىرلا نىگاھ.

گەر چۈشكە ئايلانسام زۇلمەت بىر چۈشكە،

بولالمايدۇ ھېچكىم پاناھگاھ.

سۈبھىلەردە سۈزۈك مۇناجات،

گەر ئۇرۇلسا يۈرەككە پىنھان.

ئوخشار كۆزۈم كىمنىڭ كۆزىگە؟

بېرەلەمدىم ئاڭا ئىمتىھان؟

بىر دەرەخمەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن،

چۈش ئىچىدە چۈشلەرگە قاراپ.

كۈنلەر

ئېقىۋاتقان سۇدۇر بەھەيۋەت،

ھاياتىمنى خورىتار يالماپ.

سوئاللارغا تولغان ئالىمىم،

جاۋابىم يوق ئاڭا بەرگۈدەك.

مېنىڭ دەرىخىم

تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ ئاخىر،

قالىدۇ ۋەلېكىن ئوتتەك بىر يۈرەك.

قالىدۇ بىر ئوتنىڭ غۇۋا يالقۇنى،

قالىدۇ بىر ئىسىم تاتلىق بىر چۈشتەك.

مەڭگۈلۈك جىمجىتلىق ئالسا قوينىغا،

ھاياتنى يالغانغا چىقىرار كىملەر؟

كەچكۈزدە ياتىدۇ ئۇلۇغ بىشارەت،

ھەممە ئۆز-ئۆزىگە قىلىدۇ سەپەر.

يوللاردا ھەر بارە مالامەت تېشى،

سىنايدۇ ئىنساننى قارا چۈشلەردە.

سەۋرىمدىن ھاياتقا ئاقىمەن نۇردەك،

ئىھ، مەيلى بەرمىسۇن دۇنيا ھېچنىمە.

مەن بىر دەرەخ،

بىلمەيمەن كىملەرگە چۈشىدۇ سايەم؟

چۈشلەردە بىر ھىجران، غايەت بىر يوقلۇق.

قەيەرگە يېزىلدى مېنىڭ رىسالەم؟

قارىسام ھەممىسى مەڭگۈلۈك بوشلۇق.

مەۋجۇتلۇق قانچىلىك سۈرىدۇ دەۋران؟

ئۇ بەلكىم بىر چۈش، ياكى بىر خىيال.

ئۆزۈمگە قايتىۋاتقان جىمجىت ئاۋازمەن،

ئۆزۈمدە ماڭارمەن توزۇپ بىمالال.

 

 

(ئاپتور كېرىيە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ  تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى)

 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز