تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نېمە ئۈچۈن ئاچ قورساق ھالەتتە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ؟


39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، : ھەر يىلنىڭ ئاخىرى ۋە بېشىدا، كۆپلىگەن ئىدارە-ئورگانلار خىزمەتچى خادىملارنى بەدەن تەكشۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بەزى ئاچ قورساق تەكشۈرتىدىغان تۈرگە قارىتا خېلى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى تازا ئايدىڭ ئەمەس، تاماق يېمەي ۋە سۇ ئىچمەي بەدەن تەكشۈرتكەندە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قانچىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بەزى كىشىلەر بەدەن تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇنقى ئالدىنقى ئاخشمىسى تاماقنى كۆپ يېيىش ئارقىلىق ئېنىرگىيە توپلىماقچى بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ دەپ قاراپ بىر كۈن بۇرۇنلا تاماقنى چەكلەيدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بەزى تەكشۈرۈشكە ئاچ قورساق تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ؟ تاماق يېگەندىن كېيىن، تاماقتىكى ئوخشاش بولمىغان تەركىپ ۋە ئارىلاشمىلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئوخشاش بولمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قان ئېلىنسا، قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى يۇقۇرى چىقىىپ ھەر قايسى كۆرسەتكۈچىنىڭ نەتىجىسىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاماق يېگەندە يېمەكلىك ئۇدۇل ئاشقانغا ماڭىدۇ. بۇنداق چاغدا ئاشقازان خىزمىتىگە توغرا دىئاگنوز قۇيۇش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ. شۇڭا بەدەن ساغلاملىق تەكشۈرۈش تۈرىدە ئاچ قورساق تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

 قانداق قىلغاندا رەسمىي ئاچ قورساق ھالىتىدە بولغىلى بولىدۇ؟ شۇ كۈنى ئەتىگەندە تاماق يېمىسىلا بۇلامدۇ؟ پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس، شۇ كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقنى يېمەسلىك ۋە سۇ ئىچمەسلىكتىن باشقا يەنە بەدەن تەكشۈرتىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇنلا تۇزسىز تاماق ۋە تەرتىپلىك ئۇزۇقلىنىشنى باشلاش كېرەك، بولۇپمۇ يۇقۇرى مايلىق يېمەكلىكنى چەكلەش ئەڭ مۇھىم، بەدەن تەكشۈرتۈشنىڭ ئالدىقى كۈنى كەچتە تاماق يېمىسىلا بولىدۇ. (ئىمكانقەدەر بەك كەچ يېمەسلىك لازىم) سالامەتلىكنى ياخشى تەكشۈرتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر كۈن بۇرۇن يېگەن تاماق تۇلۇق ھەزىم بولمىسا بولمايدۇ. ئادەتتە يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بۇلىشىغا 8 سائەت كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ئاچ قورساق ھالەتتە قان ئېلىشمۇ بەزى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قورساق ناھايىتى ئېچىپ كەتكەندە قان ئېلىنسا لابۇراتۇرىيەلىك نەتىجىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەن بولغان قاندىكى قەنت سەۋەبىدىن سوغاق تەرلەش، باش قېيىش، تارتىشىش ۋە شوك كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندىمۇ تەكشۈرۈشتكە بولمايدۇ، شۇڭا بەدەن تەكشۈرتۈش سەل بالدۇر بولسا ياخشى (چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:30 -10:00)  




ئەسلى مەنبەسى: zl.39.net
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز