تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاق كۆڭۈللۈك ــ جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى

  بىزدە، ئايال كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدە.ئاق كۆڭۈللۈك جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى دەيدىغان قاراش بار. ئويلاپ بېقىڭ، بىر ئايال كىشىنىڭ ئىچى تار، كۆڭلى قارا بولسا، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئەر كىشى ئۇنى ئۇزاققىچە قوغلىشىشى ناتايىن. گەرچە ئەرلەر دەسلەپتە ئۇ ئايالنى جان تىكىپ قوغلىشىشى مۇمكىن، بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇ ئايالنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى قوغلىشىشتىن ۋاز كېچىدۇ.

    ئەگەر بىر ئەر بىر ئاق كۆڭۈل ئايال بىلەن ئارىلىشىپ قالسا، ئەر كىشىنڭ ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلىدۇ، بۇ ئايالغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا مۇھەببەتتىن باشقا، يەنە ھۆرمەت ھېسىياتىمۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق ئاستىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇرلۇشۇپ بارىدۇ.

    ئاق كۆڭۈللۈك ئاساسلىقى ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىشتا ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بىز دائىم كوچىلاردا بەزى ئاياللارنىڭ قېرى، ئاجىز، مېيىپ كىشىلەرنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا دەرھال بېرىپ ئۇلارنى يۆلىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. داڭلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدىغان خاراكتېرىنى بايقايمىز. ئاق كۆڭۈل ئايال ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىشتا باشقىلارنى ئويلايدۇ.

    سىرتتا تىجارەت قىلىپ ئۆي تۇتۇپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئەر تۇيۇقسىز يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋاپتۇ. خەتتە:«كەلكۈن كېلىپ ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى، ھېلىمۇ ياخشى سەن ئەۋەتكەن پۇل بىلەن ئۆينى قايتىدىن سېلىۋالدۇق، بالام، رەھمەت ساڭا»دېيىلگەنىكەن. بۇ خەتنى كۆرۈپ ئەر گاڭگىراپ قاپتۇ، ئۇ يۇرتىدا ئاپەت بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، پۇلمۇ ئەۋەتمىگەنكەن. ئۇ ئايالىدىن سورىغاندا، ئايالى:«خەتنى مەن تاپشۇرۋالغان، پۇلنىمۇ مەن ئەۋەتكەن، سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن»دەپتۇ. ئايالىنىڭ بۇ ھەركىتى يولدىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپتۇ. بۇنداق ياخشى ئايالىم تۇرسا، مەن نېمىدىن غەم قىلىمەن؟ ئۇ كۆڭلىدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كۆيۇمچان ئايالىمنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەيمەن، دەپ قەسەم بېرىپتۇ.

    دېمەك، ئاق كۆڭۈللۈك-جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى. سىزدە پەقەت بىر ئاق كۆڭۈل يۈرەك بولدىكەن، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭىز، ئائىلە مۇناسىۋىتىڭىز، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىزمۇ كۆپ بولىدۇ، يولدىشىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە، بالىلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە، دوستلىرىڭىزنىڭ غەمخورلۇقىغا ئىرىشىسىز. بۇنداق ئايال بەخىتلىك ھەم نازاكەتلىككە تولغان بولىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز