بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، شياۋمى ئەسلى باھاسى 599 يۈەنلىك خۇڭمى 2A يان تېلېفونىنىڭ باھاسىنى 499 يۈەنگە چۈشۈرۈپ ساتتى، شياۋمى شىركەت تورىدىمۇ نەق مال تەمىنلەندى.
كونكرېت سەپلىمە جەھەتتە، خۇڭمى 2A غا 4.7 دىيۇملۇق 720P لىق ئېكران، تۆت يادرولۇق 1.5GHz لىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. ئىچكى قىسمىدا يەنە 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 8GB لىق ساقلاش بوشلۇقى، 2 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا ۋە 8 مىليون پىكسېللىق ئارقا كامېرا تەمىنلەنگەن بولۇپ، باتارېيە سىغىمى 2000mAh ئىكەن، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تورى ۋە قوش كارتا قوللايدىكەن.
شياۋمىنىڭ ھازىر ئېلان قىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 9 دىن چۈشتىن كېيىن 4 كىچە بولغان نەچچە سائەت ئىچىدە، خۇڭمى 2A نىڭ سېتىلىشى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.