كىشلەر ئادەتتە بېشىنى تاتىلاشقا ئادەتلەنگەن، بۇنداق قىلغاندا چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىلا ئەمەس، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن باشنى ئۇۋۇلاشتىن باشلاش كېرەك.
باشنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قىل قان تومۇرلارنى جانلاندۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى ھەمدە چاچنى ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ياشانغانلار دائىم بېشىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش بىلەن بىللە، چاچقا ئاق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. باشنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە نېرۋا ئاجىزلىق، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/20/content_490326.htm