تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئوغلىمىزنىڭ خەتنىسىنى نەدە قىلدۇرساق بولا؟؟؟

ئوغلىمىزنىڭ خەتنىسىنى نەدە قىلدۇرساق بولا؟؟؟


  بالىلار تەتىل قىلدى، ئاتا-ئانىلار خەتنىلىك يېشىغا توشقان ئوغۇللىرىنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرۇشنى پىلانلاشتى.  سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بارمۇ؟ قايسى خىل ئۇسۇلدا خەتنە قىلىشنى ئويلاشتىڭىز؟ ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن بىر باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. توغرا، قىش پەسلى، سوغۇق ھاۋا، بالىلارنى خەتنە قىلىشتىكى  ئەڭ ياخشى مەزگىل. 

  ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق سۈننىتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى. بىزدە ئادەتتە بالا 6-7ياش ئەتراپىدا، مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە خەتنە قىلدۇرىلىدۇ. ئوغۇل پەرزەنتى بار ئاتا-ئانىلار دەل مۇشۇ مەزگىلدە بالىنىڭ خەتنىسىنى نەدە قىلدۇرۇش مەسلىسىدە بىرئاز تېڭىرقاش بولىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە خەتنە قىلىشتا ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار خەتنە قىلغۇچىلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر خەتنە قىلىش جەريانىدا  ناركوز قىلىش ئۇسۇلى ئىشلەتسە، جىنسىي قابىلىيىتىگە تەسىرى بولىدۇ دەپ قاراپ ناركوز قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ناركوز قىلىش خەتنە قىلىش جەريانىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ھالقا بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، بالىلارنى ئاغرىتىپ تۇرۇپ خەتنە قىلىش بىر خىل ۋەھشىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ناركوز قىلمايلا خەتنە قىلدۇرغاندىكى ئاغرىش ۋە چارىسىزلىق كىچىك بالىلار پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم سەلبىي رول ئوينىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خەتنىدىن كېيىن «سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ» دەپ، بالىلىرىنى ھەرىكەتتىن چەكلەيدۇ، ئالاھىدە ئىسسىق ساقلاش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئامال بار بالدۇر ھەركەت قىلىش، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. بالدۇر ھەركەت قىلغاندا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولۇپ، ياخشى ئوزۇقلىنىدۇ. ياخشى ئۇزۇقلىنىش ۋە يېتەرلىك ھەركەتنىڭ بەدەن قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئامىللىقى ھەممىگە مەلۇملۇق ھەقىقەتتۇر. ئارتۇقچە ئىسسىق مۇھىت يارا ئاغزىنىڭ يىرىڭدىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئوپىراتسىيە تۈگىگەن ھامان بالىلارنىڭ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىش، ئۆي تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇكى، ئەمەلىيەتتە خەتنە قىلىش كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئوخشاشلا بىر تاشقى كېسەل ئوپىراتسىيەسى بولۇپ، چوقۇم كەسپىي سالاھىتى بار تاشقى كېسەل دوختۇرى قىلىشى كېرەك.    

  تاشقى كېسەل مەشغۇلاتى كەسپىي نۇقتىدىن مۇنداق تۆت پىرىنسىپتىن ئايرىلالمايدۇ. بىرىنچى، مىكروبسىز مەشغۇلات قىلىش. ئىككىنچى، ناركوز قىلىش. ئۈچىنچى، قان توختىتىش. تۆتىنچى، تىكىش. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، باشتىن ئاخىرى مېكروپسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ،مەشغۇلات دائىرىسى دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، كېسىلىدىغان ئورۇن ناركوز قىلىنىپ، خەتنىلىك ئۆلچەملىك كېسىپ تاشلىنىدۇ، ۋە قاناش ئېھتىماللىقى بولغان قان-تومۇرلار بوغىۋېتىلىدۇ، ئاندىن كېسىۋېتىلگەن ئورۇن ئايلاندۇرۇپ تىكىۋېتىلىدۇ. 

  بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار خەتنە قىلدۇرۇشنى ناھايىتى چوڭ ئىش ھېسابلىغاچقا، ئارتۇقچە جىددىلىشىدۇ. بۇ خىل جىددىيلىك بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەتنە قىلىش ۋاقتىدا ئورۇنسىز يىغلاپ، دوختۇرغا ماسلاشماي، خەتنە قىلىش قىيىنچىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى شۇنى سەمىمي ئەسكەرتىدۇكى: بالىلارنى خەتنە قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىلار سالماق بولۇش، بالىلارنى ئامال بار ناركوز قىلمايلا خەتنە قىلدۇرغان باشقا بالىلار بىلەن بۇ توغرۇلۇق كۆپ سۆزلىشىشتىن توسۇش لازىم. بالىلارنىڭ مىجەز خاراكتىرىگە ماس ھالدىكى ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىنىشى، مەدەت بېرىلىشى كېرەك، بالىدا پەيدا بولىدىغان روھى بېسىمنى ئىمكان قەدەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك . 

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى بالىلارنى خەتنە قىلىش توغرىسىدا سېستىمىلاشقان بىر يۈرۈش ئۇسۇللارنى قوللانغان بولۇپ، ئوپىراتسىيە قىلىدىغان دوختۇر بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆز ئىبارىلەر بىلەن بالىلارغا يېقىنلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئۇلارنىڭ روھى بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، مەشغۇلات جەريانىدا بالىلار ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا دوختۇرلارغا تولۇق ماسلىشىپ بېرىدىغان مۇھىت ھازىرلىنىدۇ. خەتنە قىلغان شۇ كۈنىلا بالا ئۆزى مېڭىپ قايتىدۇ، ياتاقتا يېتىش ھاجەتسىز. 

   شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى: 

1. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىن بۇرۇن خەتنىلىكىنى ئارقىغا ئۆرۈپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا خەتنىلىكنىڭ زەكەر بېشىغا چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەتنە قىلىشقا قولايلىق تۇغۇلىدۇ. ئوپىراتسىيىدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق .

2. بەزى بالىلاردا تۇغما قان توختىتىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر بولغان بولىدۇ، گەرچە بۇ خىل كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرىمىسىمۇ، لېكىن تاساددىبىي شۇ خىلدىكى كېسەل بار بالىلار ئوپىراتسىيە قىلىنىپ قالسا، قان توختىتىش ئىمكانىيىتى بولماي قېلىپ، بەزى خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا–ئانىلارنىڭ بالىلارنى خەتنە قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن (مۇناسىۋەتلىك) قان تەكشۈرتۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. 



ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز