شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ھەرخىل مېۋە شەربەتلىرى ياشانغانلارنىڭ ياخشى ئىچىملىكى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلگەندە، ئىستېمالدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ.
ئالما شەربىتى. ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەپ، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، قان بېسىمى يۇقىرىلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاناناس شەربىتى. ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، گال ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
بېھى شەربىتى. ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
تاۋۇز شەربىتى. قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
بانان شەربىتى. روھنى ئۇرغۇتۇپ، مۇسكۇللارنى كۈچەيتىدۇ، ئۆپكە ۋە ئۈچەي يوللىرىنى سىلىقلاپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئۈزۈم شەربىتى. يۈرەك سوقۇشنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، قان تۇلۇقلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، بۆرەك ۋە جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
ئاپلىسىن شەربىتى. ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، قان-تومۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.