ئائىشە قادىر
نازغىغان ئاپتاپنىڭ لېۋىدە تۇرۇپ،
قار باسقان تاغلاردا سېنى ئەسلىدىم.
قەھۋەنىڭ تەمىدەك بىلىندى ئۆتمۈش،
يىگىرمە بەش ياشتا سۈزۈك تاڭ ئىدىم.
قەسەمدەك بىلىندى ئالبوم بەتلىرى،
ۋايىغا يەتمەپتۇ سۆيگۈ خەتلىرى.
ئۆتمۈشنىڭ كۆزىدە مۇڭداش بىر تەمە،
بۈگۈنمۇ تۇرىدۇ ھورلانغان پېتى.
قولۇمدا كۈمۈش رەڭ نىكاھ تامغىسى،
ئالدىمدا قەھۋەدىن تۇغۇلغان سۈرەت.
ئۆشنەمدە ئۆتمۈشتىن قالغان بىر ئۆزۈم،
شۇ تاپتا ئۆزۈمگە بىر ئۆزۈم ئۈلپەت.
بولدىلا، ئىستىكىم ئاسىيلىق ئەمەس،
مۇلايىم نەپەستە سۆيسە بولدى بەس.
مەن ئەمەس، مۇھەببەت سىغماس ئۆزىگە،
مەندەكلا مۇساپىر گاھىدا ھەۋەس.
شۇنداق بىر خىيالدىن تامچىدى شېئىر،
بېسىقماس پىغانلار ئاھ، يەنە شېرىن.
مېھرىبان ئانامنىڭ دەملىگەن چېيى
ياراشتۇرۇپ قويىدۇ بىزنى ھە، كېيىن...