« تۆت قەدەم » دە جىنسىي پەللىگە يېتىش
جىنسىي پەللىگە يېتىش ئەر-ئاياللارغا جىنسىي تۇرمۇشتىن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ئەر-ئاياللىق مېھىر– مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقنىڭ ئىلگىرى سۈرىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. جىنسىي تۇرمۇشتا ئىككىلا تەرەپ جىنسىي پەللىگە ئورتاق يېتىش ئۈچۈن، ئادەتتە تۆۋەندىكى 4 نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. مۇھىت يېقىشلىق، كەيپىيات ئازادە بولۇش.
كۆپ قىسىم كىشىلەر ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق مۇھىتتا بىرەر ئىش قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، جىنسي تۇرمۇشمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە. رومانتىك، ئىللىق ھەم يېقىشلىق مۇھىت بەرپا قىلىش جىنسىي پەللىگە يېتىش ئۈچۈن پايدىلىق. يىنىك مۇزىكا ئاڭلاش، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، رومانتىك بىر ۋاق تاماق قاتارلىقلار جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلىشى، جىنسىي ھەۋىسىڭىزنىڭ جۇش ئۇرىشىغىمۇ تۈرتكە بولىشى مۇمكىن. روھى ئازادىلىك جىنسىي پەللىگە يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جىددىيلىشىش كەيپىياتى ئادەمنىڭ جىنسىي ئىنكاسىغا ۋە پۈتۈن زېھنى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، جىنسىي پەللىگە يېتىشىمۇ تەسكە توختايدۇ .
2. مۇقەددىمىنى ياخشى باشلاپ، جىنسىي تەلەپنى پەللىگە كۆتۈرۈش.
ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، تەييارلىقنى پۇختا قىلىش كېرەكلىكى ھەممىمىزگە ئايان. بىر قېتىملىق يۇقىرى سۈپەتلىك جىنسىي تۇرمۇشتا، «مۇقەددىمە»گە ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. بىر قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، غەلبىلىك بولغان «مۇقەددىمە» بىلەنلا جىنسىي پەللىگە يېتەلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئەرلەر ئالدىراپ تېنەپلا ئىش باشلاپ كەتسە، ئاياللارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇلايىملىق بىلەن سىلاش، قۇچاقلاش، سۆيۈشۈش، شېرىن سۆزلەرنى قىلىش قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرەلەيدۇ، جىنسىي پەللىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايمىز.
3. بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش.
جىنسىي قوزغۇلۇش نۇقتىلىرىغا ئۈزلۈزكسىز غىدىقلاش بېرىش ئارقىلىق جىنسىي پەللىگە يېتىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي غىدىققا سەزگۈر ئورۇنلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش لازىم، مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەگەر بۇ ئورۇنلارغا تەڭ غىدىقلاش بېرىلسە، تېخىمۇ كۈچلۈك لەززەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ .
4. تۇيغۇسىنى ئپادىلەش، ھىسياتىنى چەكلىمەسلىك.
ھىسياتىنى يوشۇرۇش ۋە ئىزا تارتىش جىنسىي پەللىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي پەللە بېسىقىپ كېتىدۇ. جىنسىي پەللىگە يېتىش ئالدىدا ھەر خىل ئىنكاسلار كۆرۈلسە، ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش لازىم، يوشۇرۇش ۋە زورلاپ ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇخىل ئىنكاسلارغا نىسبەتەن ئىككىلا تەرەپ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئەر–ئايال ئىككى تەرەپ سۆز ئارقىلىق ھىسيات ئالماشتۇرىشى، ئۆز تۇيغۇسى ۋە تەلىۋىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرىشى لازىم، جىنسىي پەللىنىڭ يېتىپ كېلىشنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكىگە ئاساسەن «مۇقەددىمە» ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئىمكان قەدەر ئىككىلا تەرەپ ئورتاق پەللىگە يېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىغان.