تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىش پەسلىدە تۇغۇتلۇق ئاياللار كۈتۈنۈش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرگىنى تۈزۈك

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

قىش پەسلىدە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قىرقىنى سالامەت چىقارمىقى خېلى تەس. بىر قىسىم ئاياللار قىشتا ھەدىدىن زىيادە قېلىن كىيىنىۋالىدۇ، ئەمما ئۆي ئىچىنىڭ ئىسسىپ، سوۋۇپ تۇرۇشى بىلەن ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا قىرقى ئىچىدىكى ئاياللار قىش پەسلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدە قىرقى ئىچىدىكى ئايالغا نىسبەتەن ئۆينى پاكىز، نەمخۇش ھەم ئىلمان تۇتۇش ناھايىتى مۇھىم. ئۆي تېمپراتۇراسى 20-25سېلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. 

ئادەتتە پار يوق ئۆيلەردە ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى توك پارۋاي ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىسە بولىدۇ. ئادەتتە ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكى %50-%65 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. ئادەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەندە يىغىلىپ قالغان بىر قىسىم سۇيۇقلۇقلار قىرقى ئىچىدە ئاستا ئاستا ئاجرىلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە بەدەن كۆپ تەرلەپ، كىيىم-كېچەك ئاسان مەينەت بولىدۇ، شۇڭا بەدەننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پات پات يۇيۇنۇپ، كىيىم-كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئادەتتە تۇغۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن يۇيۇنسا ئەڭ ياخشى. يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، مۇنچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. 

قىش پەسلىدە سىرت سوغۇق، ئۆي ئىچى ئىسسىق، شۇڭا ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشتىن باشقا، ئورۇن كۆرپىلەرنىڭ بەك قېلىن بولۇپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش لازىم. يوتقان نېپىزرەك بولۇشى، شۇنداقلا يوتقان كۆرپىگە ھاۋا ئۆتۈش تۇرىدىغان چىگە، پاختا رەختلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. 

بۇنىڭدىن سىرت، قىرقى ئىچىدە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى شۇنداقلا ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن ئاجىزلاپ ئاسان قان قېتىش كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئېشىپ قالغان مۇزدەك تائام ۋە سوغۇق كېلىدىغان تائاملارنى قەتئىي يېمەسلىك كېرەك. چاچنىڭ تازىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، چاچنى يۇيۇپ تاراپ بېرىش كېرەك.

 دېمەك، بۇ مەزگىلدە كۈتۈنۈش بىلەن مۇۋاپىق يەڭگىل ھەرىكەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغاندا، قىرقىنى ياخشى چىقىرىپلا قالماي بەدەن شەكلىنىمۇ تېز ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز