قىسقا ۋاقىتتا كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش. بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى كۆپ قىلدۇرغاندا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىپ، ھەيز توختاش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بېسىم ئارتىپ كېتىش. خىزمەت بېسىمى نۇرغۇن ئاياللارغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ تۇخۇمداننىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاش. بەدەندە مۇۋاپىق ماينىڭ بولۇشى كۆپىيىش سىستېمىسى ئۈچۈن مۇھىم. قارىغۇلارچە ئورۇقلاش ياكى ھەددىدىن زىيادە ئورۇق بولغاندا ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشى تۆۋەنلەپ، ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
كېچىكىپ تۇغۇش. 35 ياشتىن ئاشقاندا تۇخۇمنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا كېچىكىپ تۇغۇشمۇ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.