تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(31)
يىڭنە مىختىكى مەخپىيەتلىك
تېلېۋىزىيە چولپىنى ئاشىن كانادانىڭ تورۇنتۇ شەھىرىگە فىلىم ئىشلەشكە مېڭىش ئالدىدا، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆيىدىن جەسىتى بايقالدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
ئۆلگۈچى ئۇزۇن كۆڭلەك بىلەن ياتاق ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا ياتاتتى، بۇ قاملاشقان، چىرايلىق ئايال ئىدى. جەسەتنىڭ بوينىدا ئىنچىكە تانا بىلەن سىققانغا ئوخشايدىغان ئىز بار ئىدى. گىرىم ئۈستىلى جەسەتنىڭ يېنىغا ئۆرۈلگەن بولۇپ، قاتىل ئورۇندۇق ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ گېلىنى سىقىپ ئۆلتۈرگەندەك قىلاتتى. ئەجەبلىنەرلىكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگەندەك قىلاتتى.
«قاتىل ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئاچىڭىزنىڭ گېلىنى سىقىپتۇ، لېكىن ئاچىڭىز نېمىشقا قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاچىڭىز قاتىل بىلەن پەقەت ئۇزۇن كۆڭلەك بىلەنلا كۆرۈشكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى تونۇشلاردىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، مۇنداق ئادەملەرگە قارىتا كۆڭلىڭىزدە سان بارمۇ؟» جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئۆلگۈچىنىڭ ئىنىسى مۇشۇنداق دەپ سورىدى.
«ياق» دېدى ئۆلگۈچىنىڭ ئىنىسى، «ئاچامنىڭ ھازىرغىچە ئەر دوستى يوق ئىدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇ ھالدا مېھمان كۈتۈشنى ئويلىماپتىمەن، ئاچام تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان چاغدا ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، بۇنى ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ بىلگىلى بولمايتتى، شۇڭا ئۇنى باشقىلار مۇنداق ئاسانلا ئۆلتۈرۈۋېتەلمەيتتى». بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ كاللىسىدىنمۇ ئۆتمەيۋاتاتتى.
«ھەي بۇ نېمە؟» جىنايى ئىشلار ساقچىسى گىلەم ئۈستدىن بىر تال يىڭنە تېپىۋالدى،بۇ ئادەتتىكى تىكىش يىڭنىسى بولماستىن، باش تەرىپىگە بىر تال يىڭنە مىخ چىگىپ قويۇلغانىدى. بۇ تىككۈچىلىكتە رەختنىڭ ئۈستىگە سانجىپ قويۇپ بەلگە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. جىنايى ئىشلار ساقچىسى يىڭنە مىختىن كۆزىنى ئۈزمەي بىر ھازا قارىغاندىن كېيىن بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ:«ھە مۇنداق ئىشكەندە! ئۇقتۇم، ئەگەر قاتىل مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم بولسا، ئۇنىڭ ئوبيېكتنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق مۇداپىئە قىلمايلا ئارقىدىن كېلىپ ئۆلگۈچىنىڭ گېلىنى سىقىپ ئۆلتۈرۈلمەيدۇ» دېدى. جىنايى ئىشلار ساقچىسى پەقەت ئاشۇ يىڭنە مىخقا قاراپلا قاتىلنىڭ كىملىكىنى كەسكىن ھۆكۈم قىلدىم ئۇنداقتا قاتىل زادى نېمە ئادەم؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (30) نىڭ جاۋابى:
قاتىللىق قورالى سېتكا توپ، جىنايەتچى توپ ئىچىگە پارتلاتقۇچ دورا ئارىلاشتۇرۇپ ئۇنى چىڭشەن ئوينايدىغان توپ بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويغان.