تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
iphone نىڭ سىغىمى يېتىشمىسە قانداق قىلىش لازىم؟

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى: مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم 16GB لىق iphone يانفونى، سىغىمى يېتىشمىدى دېگەن ئەسكەرتىش دائىم ئېكرانغا چىقىۋالىدۇ، قانداق قىلغاندا iphone يانفونىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ios سىستېمىسى بىلەن باشقا مۇھىم يۇمشاق دېتاللار بەزى بوشلۇقنى ئىگىلىگەنلىكتىن، ئەمەلىيەتتە 16GB لىق iphone يانفونى بىلەن ipad تاختا كومپىيۇتېرىنىڭ 13GB دەك ساقلاش سىغىمى قالىدۇ. ئەگەر ئابونتلار ھەرخىل ئەمەلىي قوللىنىش يۇمشاق دېتالى چۇشۇرۇشنى ياكى سۈرەت تارتىشنى ياقتۇرسا، ئۇنداقتا، 16GB سىغىمى يەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە. تۆۋەندە ios ئۈسكۈنىسىدىكى سىغىمنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىشنى قەدەممۇ-قەدەم تونۇشتۇرىمىز، ئەگەر سىز بۇ قەدەم -باسقۇچلارنى قەرەللىك ئىجرا قىلسىڭىز، نۇرغۇن بوشلۇققا ئېرىشەلەيسىز. icloud.1 سۈرەت ئىسكىلاتىنى ئېتىۋېتىپ، GooglePHotos نى چۈشۈرۈڭ. بۇ بەلكىم خاتا بىر ساۋاتتەك ئاڭلانغانلىقتىن، «مېنىڭ بوشلۇقنى تېجىگىم بار تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئەمەلىي قوللىنىش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرىمەن؟» دەيدىغانسىز، ئەگەر سىز iphone يانفونى ئارقىلىق سۈرەتكە ياكى ۋىدىئوغا تارتسىڭىز، Googlephotos سىزگە ياردەملىشىپ خېلى كۇپ ساقلاش بوشلۇقىنى تېجەپ بېرىدۇ. Googlephotos سىزنى ئۇزاق ۋاقىتلىق، ھەقسىز زاپاس ساقلاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ، سىز تارتقان ھەربىر پارچە سۈرەتنى گۇگۇلنىڭ مۇلازىمەتچىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئاندىن سۈرەتنى يانفوننىڭ زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتىدىن ئۆچۈرۈپ، بوشلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالمىنىڭ icloud سىستېمىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا سۈرەتلەرنى ساقلايدۇ، شۇغىنىسى سىز 5GB لىقلا ساقلاش بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيسىز. بۇنچىلىك بوشلۇقنى ناھايىتى تېزلا ئىشلىتىپ بولىسىز، ئاندىن ھەر قېتىم يوللىغاندا، ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان icloud بوشلۇقى توشۇپ كەتتى، دەيدىغان ئەسكەرتىش چىقىۋالىدۇ. ئۇنداقتا، icloud نىڭ سۈرەت ئىسكىلاتىنى قانداق ئېتىمىز؟ تەسىس قىلىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى سۈرەت ۋە فوتو كامېرانى چېكىمىز، ئاندىن icloud نىڭ سۈرەت ئىسكىلاتىنى چەكلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا، سۈرەتنى Googlephotos قا يوللىغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ئۆچىدۇ، شۇڭا سىزنىڭ سۈرەتنى قول بىلەن ئۆچۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز