تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاتا-ئانىلار دىققەت! ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بالىڭىزنى ھەرگىز ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا ئولتۇرغۇزماڭ

ئاتا-ئانىلار دىققەت! ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بالاڭلارنى ھەرگىز ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا قويۇپ قويماڭلار، ئاقىۋىتى بەك ئېغىر، بالىڭىزنى خەتەرلىك ئەھۋالغا قويغاندا باراۋەر.

بېيجىڭدا 28-فېۋرال بىر بىر ياشلىق بالا ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان بولۇپ، ئاپتوموبىل سوڭداشقانلىقتىن، سۈرئىتى30 مىل بولسىمۇ، بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى چۈشۈپ بالىنىڭ بېشى سىلكىنىپ، يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغان!

جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇرلىرى: «ھەقىقىي قاتىل شۇ نادان ئاتا-ئانىلار» دېگەن. بالامنى قۇچاغلاپ ئولتۇردۇم، ئاپتوموبىلنى ئاستا سۈرئەتتە ھەيدىسەملا ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئەگەر شۇ چاغدا بالا بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان بولسا ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايتى، لېكىن ھازىرچۇ بەلكىم ئۆلۈپ كېتىشى ياكى بىر ئۆمۈر ئويغانماسلىقى مۇمكىن. يەنە بىر ئىش، بىر تور ئەھلى 27-فېۋرال سۇجۇغا ئىش بېجىرگىلى بېرىپ، ئاپتوموبىلى شېڭزى يولۇچى بېكىتىنىڭ ئەتراپىدىكى سىگنال چىرىقىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئەتراپتىكى بىر كۈمۈش رەڭلىك مىنىبۇسنىڭ زاپاس ساندۇقى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، ئىچىدىن بىر كىچىك بالا چۈشۈپ قالغان، ئۇ بالا ۋارقىراپ، يىغلىسىمۇ مىنىبۇستىكى ئادەم ھېچنىمىنى بىلمەي كېتىۋەرگەن. كېيىن بۇ تور ئەھلى بالىنى ئېلىپ، مىنىبۇسنى 10 نەچچە مىنۇتتەك قوغلىغاندىن كېيىن، مىنىبۇس توختاپ ئىچىدىن بىر ئەر چۈشكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بالىنى مىنىبۇسنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا قويغان بولۇپ، مىنىبۇسنىڭ زاپاس ساندۇقىنىڭ ئاغزى ياخشى يېپىلمىغاچقا، چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن. بەختكە يارىشا بالا يەرگە چۈشۈپ قالغاندا مىنىبۇس قىزىل چىراغدا توختىغا بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، بالا زەخمىلەنمىگەن. تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇش ئەمەس، قۇچىقىغا ئېلىپلا ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرىدۇ. ئەگەر ۋەقە يۈز بەرسە، بىرىنچى بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى ئانە شۇ ئوماق بالىڭىز.

12 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرسا بولمايدۇ

دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى 18 مىڭ 500 بالا قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان بالىلار

ياردەمچى شوپۇر ئورنى زادى قانچىلىك خەتەرلىك؟

بىرىنچى خەتىرى:

ئەگەر بالىڭىز ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان بولسا، بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى ئېچىلغان ھامان بالىڭىزغا ئۇرۇلۇپ ئۇنى ھوشسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ.

ئىككىنچى خەتىرى:

بالىڭىز ئالدىنقى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولسا، ئاپتوموبىل سوقۇلغان ھامان مۇنداق بولىدۇ!!

بالامنى قۇچاغلىۋالساملا ھېچنىمە بولمايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ! ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىنىڭ تىزى بالىلارغا نىسبەتەن بەك خەتەرلىك. 48 كىلومېتىر/سائەتلىك سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل سوقۇلسا توققۇز كىلوگراملىق بالا شۇ پەيتتە 275 كىلوگراملىق ئىمپۇلىسلىق كۈچىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىخەتەرلىك بەلبېغى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەگەر بالىغا بىخەتەرلىك بەلبېغى تاقاپ قويسىڭىز، بوينىنى بوغۇۋېلىپ ۋەقە يۈز بەرگەندە خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

ئۈچىنچى خەتىرى:

بالىلار ھەرىكەت قىلىشقا ئامراك، ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ.ھەممە ئاتا-ئانا بالىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇشنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.

چوڭلار 12ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قۇچاغلاپ كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ

چوقۇم بالىلارنى بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغۇزۇش كېرەك، بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ئىشلەتمەسلىكنىڭ خەتىرى قانچىلىك چوڭ؟!!


ئادەمنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار:

جۇڭگو ھازىر دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى، ھەريىلى 10 مىليونغا يېتىدىغان بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، %90 ىنى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىدۇ، لېكىن بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدە ئىشلىتىلىشى %1 كىمۇ بارمايدۇ. قاتناش ۋەقەسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورنىتىلمىغان ئاپتوموبىلدا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورنىتىلغان ئاپتوموبىلنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە، يارىلىنىش نىسبىتى ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا چوقۇم بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك،

(بىرىنچى) بالىڭىزغا بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى تەييارلاپ بېرىڭ، ئۇنى ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزماسلىقىڭىز كېرەك

بالىنى ئامال بار يالغۇز ياكى قۇچاغلاپ ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزماسلىق، ئەڭ ياخشىسى بالىغا مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىدىن بىرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ بالىنى ياخشى قوغدىغىلى بولمايدۇ.

(ئىككىنچى) ئاپتوموبىل ئىشىكى ۋە ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىكى كونترول قۇلۇپىنى قۇلۇپلاش كېرەك.

ئاپتوموبىل مېڭىۋاتقاندا، بالىلارنىڭ ئىچى پۇشۇپ بېشىنى، قولىنى دېرىزىدىن چىقىرىشى مۇمكىن، بەزىلىرى ئېلېكتىرلىك ئىشىكنى ئوينىشى مۇمكىن، بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك، شۇڭا چوقۇم ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكى ۋە دېرىزىسىنى مەھكەم تاقاش، دېرىزىنى ئېچىش توغرا كەلگەندە بەك پەس ئاچماسلىق كېرەك، بولمىسا بالا دېرىزىدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ.



ئەسلى مەنبەسى: learning.sohu.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز