مەززىلىك تائاملار ئادەتتە ئەڭ ئاددىي نەرسىلەردىن تەييارلىنىدۇ، تۆۋەندىكى بۇ گۈرۈچ-تۇخۇم قاتلىمىسىغا ئوخشاش، پەقەت ھەممىمىزگە تونۇشلۇق گۈرۈچ ۋە تۇخۇم بىلەنلا تەييارلىغىلى بولىدۇ. تەمى چۈرۈك، يېيىشلىك بولۇپ، بىر قېتىم يېسىڭىز يەنە يېگىڭىز كېلىدۇ، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!
ئاساسلىق ماتېرىيال: 50 گرام تۇخۇم، 100 گرام گۈرۈچ
قوشۇمچە ماتېرىيال: مۇۋاپىق ماي، تۇز، سۇڭپىياز، كەررى پاراشوكى
1. مۇۋاپىق گۈرۈچ تەييارلاپ، سۇڭپىيازنى ئۇششاق چاناپ ئىچىگە سالىمىز
2. تۇخۇمنى بىر قاچىغا چالىمىز
3. ئاندىن گۈرۈچ ۋە سۇڭپىياز بار قاچىغا سالىمىز، ئازىراق كەررى پاراشوكى سالىمىز.
4. تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز
5. ئارىلاشتۇرۇپ بولغان گۈرۈچنى قىزىق ماينىڭ ئىچىگە تۆكىمىز
6. پەس ئوتتا ئالدىرىماي، تولۇق پىشۇرىمىز
پۈتتى! بەك ئاسانمىكەن، ئۆيىڭىزگە بېرىپ سىناپ بېقىڭ ھە!
بىركۈن تۇرۇپ قالغان گۈرۈچنى تۆكىۋېتەي دېسىڭىز كۆزىڭىز قىيمايدۇ، ئىسسىتىپ يەي دېسىڭىز تەمسىز بولۇپ قالارمۇ دەپ ئويلايسىز، ھەممە ئادەم مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باققانغۇ دەيمەن؟بۇچاغدا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭدىن غەم قىلماڭ، ھازىر سىزگە ئاشقان گۈرۈچنى قانداق قىلىپ تەملىك قورۇمىغا ئۆزگەرتىشنى ئۆگىتىمىز.
تازىلانغان يېڭى راك قورۇمىسى
ماتېرىيال: گۈرۈچ، يېڭى راك، تۇخۇم، سۇڭپىياز، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1.يېڭى راكنى ئاقلايمىز، سۇڭپىيازنى ئۇششاق چانايمىز، تۇخۇمنى چاقىمىز
2.قازاننى قىزىتىپ ماي قۇيۇپ سۇڭپىياز ئۇۋىقىنى سېلىپ، راكنى قورۇيمىز
3.ئاندىن گۈرۈچنى سېلىپ قورۇيمىز، ئەڭ ئاخىرىدا تۇخۇمنى سېلىپ، مۇۋاپىق تۇز چېچىپ تەكشى قورۇساقلا بولىدۇ.
جياڭيۇ قورۇمىسى
ماتېرىيال: گۈرۈچ، سۇڭپىياز، تۇخۇم، جياڭيۇ، سېرىق ھاراق، شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. بىر قاچا ئاشقان گۈرۈچكە ئىككى قوشۇق جياڭيۇ، ئازىراق سېسىق ھاراق ۋە شېكەر سېلىپ، ئازىراق ماي قۇيۇپ تەكشى ئېلەشتۈرىمىز؛
2. قازاننى قىزىتىپ ماي قۇيۇپ، تۇخۇمنى قازانغا سېلىپ قورۇيمىز؛
3. قازانغا ئازىراق ماي قۇيۇپ، سۇڭپىياز ئۇۋىقىنى سېلىپ، ئاندىن ئاشقان گۈرۈچنى تۆكۈپ، لازا سېلىپ تەكشى قورۇيمىز، ئاندىن قورۇپ قويغان تۇخۇمنى ئىچىگە سالىمىز.
پەمىدۇر قورۇمىسى
ماتېرىيال: پەمىدۇر، ئاشقان گۈرۈچ، سۇڭپىياز، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. پەمىدۇرنى پاكىز يۇيىمىز، سۇڭپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز؛
2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ ئاۋۋال پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇيمىز، ئازىراق سۈيى چىققاندىن كېيىن ئاشقان گۈرۈچنى ئىچىگە سالىمىز.
3. قورۇپ سۈيى قالمىغاندا ئازىراق تۇز سېلىپلا قازاندىن ئالساق بولىدۇ.
تۇخۇم قورۇمىسى:
ماتېرىيال: ئاشقان گۈرۈچ، تۇخۇم، گۆش، سۇڭپىياز، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. تۇخۇمنى چېقىپ ئىچىگە تۇز سېلىپ چالىمىز
2. گۆش ۋە سۇڭپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز
3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، سۇڭپىياز ئۇۋىقىنى سېلىپ تۇخۇم بىلەن بىللە قورۇيمىز، ئاندىن ئاشقان گۈرۈچنى سالىمىز
4. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇششاق گۆشنى سېلىپ، ئازىراق تۇزنى چېچىپ قورۇۋېتىپ قازاندىن ئالساق بولىدۇ.
كەررى قورۇمىسى
ماتېرىيال: ئاشقان گۈرۈچ، ھالۋابىدىت، مۇچ، ئۇششاق كۇب شەكىلدە توغرالغان گۆش، سۇڭپىياز، تۇز، مۇچ قىيامى
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ھالۋابىدىت، مۇچنى توغرىسىغا كېسىمىز، سۇڭپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز، گۆشنى تەييارلاپ قويىمىز
2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، كەررى، مۇچ قىيامى، ھالۋابىدىت، مۇچلارنى سالىمىز.
3. ئۇششاق كۇب شەكىلدە توغرالغان گۆشنى سېلىپ پىشقىچە قورۇيمىز. گۈرۈچنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز.
4. سۇڭپىياز ئۇۋىقى چېچىۋېتىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قازاندىن ئالىمىز.
قورۇما قورۇش ئۇسۇلى:
1. سوغۇق گۈرۈچ ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى قىزىق گۈرۈچ بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى گۈرۈچنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇڭ.
2. قورۇشتىن ئىلگىرى گۈرۈچنى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ، قولىمىز بىلەن گۈرۈچنى سىلكىيمىز، بۇچاغدا گۈرۈچ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ.
3. كەپكۈر بىلەن گۈرۈچنى باسماڭ، بولمىسا گۈرۈچ ئېزىلىپ كېتىدۇ ياكى بىر-بىرىگە چاپلىشىۋالىدۇ. ماينى بەك قىزىتىۋەتمەڭ، بولمىسا گۈرۈچ قازانغا چاپلىشىۋالىدۇ.
4. تۇخۇم سېلىپ قورىغان بولسىڭىز، ئاۋۋال تۇخۇمنى ئېزىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بىۋاسىتە گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ قويسىڭىز، تامىقىڭىز چاپلىشىپ قالىدۇ، تەمىمۇ ياخشى بولمايدۇ.