ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئادەمنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئاز بولسا ياكى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچىيىدۇ. بەدەن ساپاسى ساغلام ياش ئەرلەر قاتناشتۇرۇلغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئادەم ھەپتە ئاخىرىدا ئۇزاقراق ئۇخلاپ ئۇيقۇ تولۇقلاپ بەرسە، دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاقلايدىكەن.
مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: نۇرغۇن ئادەم خىزمەت كۈنلىرىدە يېتەرلىك ئۇخلىيالمايدۇ، شۇڭا ھەپتە ئاخىرىدا ئۇيقۇ تولۇقلايدۇ، كەچتە تۆت سائەتتىن بەش سائەتكىچە ئۇخلىغاندا ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمايدۇ، بۇنداق بولىۋەرسە دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %16 كۈچىيىپ كېتىدۇ.