شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئاخىرقى تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) 2-تۈركۈمىگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 28-ئاۋغۇست باشلىنىدىغان بولۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 423 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرس 2-تۈركۈم كەسپلىرىگە شىنجاڭدىن 14 مىڭ 885 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئەسلى مەنبە : http://uy.ts.cn/news/content/2015-08/28/content_448422.htm