*يەر يۈزىدە ئەقىلدىن ئارتۇق ئېتىبارغا لايىق ھېچ نەرسە يوق.
*تەنقىد سەمىمىي بولسا، ئۆزۈڭدىن تۆۋەن تۇرىدۇ، دەپ قارىغان كىشىنىڭ تەنقىدىنىمۇ مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلغۇلۇق، سەمىمىيلىك بولمىسا دانالارنىڭ تەنقىدىكىمۇ پىسەنت قىلما.
*مۇئەللىم ئېيتقان سۆزنى تەكرارلاش بىلەنلا ئۇنىڭ ئىز باسارى بولۇپ چىقىش قىيىن.
*ئادەمزاتنىڭ ھاياتى تېجەلگەن ۋاقتىغا قاراپ ئۇزىرايدۇ.
*قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەممە ماھارەتلەر چىدام بىلەن ۋاقىتنىڭ ئارىلاشمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
*ئۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ قولىدىن ئىزدىگۈچىلەر راستىنلا بىچارىلەردۇر.
*خەلق ياخشىلارنى ھىمايە قىلىدۇ، ئۆز خائىنلىرىنى ئاسانلا بىلىۋالالايدۇ ھەم ئۇلارنى جازالىيالايدۇ.
*پايدىسى بولمىغان كىشى تىرىكلەر ئارىسىدىكى ئۆلۈكتۇر.
*نادان كىشىنىڭ ۋەدىسى يالغان بولىدۇ، توغرىلىق، ھايا ۋە ياخشى ئىش-ھەرىكەت كىمدە بىرلەشسە، شۇ شادلىققا ئېرىشىدۇ.
*ئادەم مىڭ يىل ياشىسىمۇ، ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ بولالمايدۇ.
* تىرىكلىككە ئېرىشكەن ئىكەنسەن، كۈلۈپ تۇرۇپ مەشئەل ياق.
*بەزىلەرنىڭ كۆزى توق، قورسىقى ئاچ، پارىخورنىڭ قورسىقى توق، كۆزى ئاچ كېلىدۇ.
*ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.
* سېنى ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇيەردە ياشا، جەمئىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ئاڭلىق تۈزەت.
*بايلىق دوست ئەمەس، دوست ئۆزى بايلىق، دۈشمەنلىرىڭگە شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ھەتتا دۈشمىنىڭمۇ ئۆلۈمىڭدە يىغلاپ كەتسۇن.
* دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل يېرى ئىنساننىڭ مۇھەببەتكە، ئىناقلىققا تولغان ئۆيىدۇر؛ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قىممىتىنى بىلىڭ، بىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ يۈزىنى ئەمەس، تۇپرىقىنى سۆيۈپ قالىسىز.