تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش ئۇسۇللىرى

بەزى بالىلار تاماق يېيىشكە قېرىق، شۇڭا بەدىنى ئاجىزلاپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەسىر ئۇچرايدۇ. تېۋىپلار بۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا مۇنداق تەكلىپ بەردى:

ئائىلىدىكى رېتسېپ: پىچەكگۈلدىن 250 گىرام، تەسۋىقوناقتىن 250 گىرام، سۇلەيلىسى ئۇرۇقىدىن 200 گىرام، گۈرۈچتىن 600 گىرام تەييارلاپ، نۆۋەت بويىچە قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا قورۇيمىز؛ گۈرۈچنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىمۇ رەڭگى سارغايغىچە سۇس ئوتتا قورۇيمىز، ئاندىن ھەممىنى قوشۇپ سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى ۋاق بىر قوشۇقتىن ئېلىپ ئوماچ ئېتىمىز، ئۇنىڭغا شېكەر، تۇز ۋە كۈنجۈت يېغى ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا يېگۈزىمىز. ئەگەر بالا بۇ تەمنى ياقتۇرمىسا، 30 گىرام قانىسە (توخۇ تاشلىقى) بىلەن 60 گىرام بايناقنى قورۇپ سوقۇپ، قارا شېكەر ۋە قورۇلغان كۈنجۈت تالقىنىدىن 30 گىرامدىن قوشۇپ، 500 گىرام ئۇن بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ، 20 پىچىنە پىشۇرۇپ، كۈندە ئۈچ ۋاق بىر تالدىن يېگۈزسەك، بالىنىڭ ئىشتىھاسى بولىدۇ. 

ئومۇرتقىنى ئۇۋۇلاش: بالىنى دۈم ياتقۇزۇپ، ئومۇرتقا ئەتراپىدىكى مۇسكۇلنى يېنىك مۇجۇپ، ئىككى تەرەپتىن ئومۇرتقىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئاشقازاننى تەڭشىگىلى، بەدەندىكى مۇسپىيلىك بىلەن مەنپىيلىكنىڭ ئۆتۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىھاسىنى ئاچقىلى بولىدۇ. 

قورساقنى ئۇۋىلاش: كۈندە كەچتە بالىنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، ھېكايە ياكى ناخشا ئېيتقاچ كىندىك ئەتراپىنى ئوڭ يۆنىلىشتە ئايلاندۇرۇپ 15 قېتىمدىن 20 قېتىمغىچە ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. 


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




ئەسلى مەنبەسى: مەنبە
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز