تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دىئابىت كېسىلى بارلار...

دىئابىت كېسىلى بارلارنى كالا سۈتىدىن چەكلەشكە بولمايدۇ، ئەمما ئۇلار كالا سۈتىنى كۈندۈز ئىچكىنى ياخشى، چۈنكى كالا سۈتىدىكى سۈت شېكىرىنىڭ ھەزىم قىلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا، سۈت ئاقسىلىمۇ تاماقنىڭ ھەزىم قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كالا سۈتىنى تاماق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىچىش زۆرۈر. مەسىلەن:  كالا سۈتى بىلەن دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرىنى بىلەن بىللە ئىچسە، ئارىلاشما يېمەكلىكلەرنىڭ قان قەنتىگە كۆرسىتىدىغان ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ تىلغا ئالمىسا بولمايدىغان نۇقتا شۇكى، ئەگەر ئىسسىق كالا سۈتىگە سۇلۇ سېلىپ ئىچسە، تاماقتىن كېيىن قان قەنتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش نىسبىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:« دىئابىت ئاغرىقلىرى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى خاتىرىلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىنى ياخشى. بەزى دىئابىت ئاغرىقى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالا سۈتى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، ئەگەر ئۇلار كەچتە تاماق يەپ، ئارقىدىن كالا سۈت ئىچسە، بەدەنگە كىرگەن ئېنېرگىيە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلار كالا سۈتىنى كۈندۈزى ئىچكىنى ياخشى. ئەگەر كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئىنسۇلىن ئۇرسا ياكى كېچىدە قان قەنتى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا كالا سۈتىنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كالا سۈتىنى 250 مىللىلىتىردىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدۇ».

 

 

 

 

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى




ئەسلى مەنبەسى: www.nur.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز