يۈرەك ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن داۋاملىق سوقامدۇ؟ ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئالىم پېيگېن مۇنداق بىر ئىشنى خاتىرىلىگەن: ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر جىنايەتچىنىڭ يۈرىكىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىپ ئىسسىق سۇغا سالغاندا، يۈرەك ئىسسىق سۇدا نەچچە قېتىم 66.7 سانتىمېتىر ئېگىزلىككە سەكرەپ، كۆرگۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.
پېيگېن پاقا ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئەمدىلا ئۆلگەن پاقىنىڭ يۈرىكىنى فىزىئولوگىيىلىك تۇز ئېرىتمىسىگە سالغاندا، پاقىنىڭ يۈرىكى نەچچە سائەت سوققان. بۇ تەجرىبىلەر بويىچە، ئىسسىق سۇنى ئۇكۇل قىلىش ئارقىلىق بەدەندىن ئايرىلغان يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنكەن.
روسىيىلىك ئالىم كۇربىيا ئۆلگىنىگە 20 سائەت بولغان بىر بالىنىڭ جەسىتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ يۈرىكىنى ئېلىپ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشاش، يېتەرلىك ئوكسېگىن بار ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىغا سالغاندا، يۈرەك قايتىدىن سوقۇشقا باشلىغان. بۇ تەجرىبىلە يۈرەكنى يۆتكەش ۋە ساقلاش تەتقىقاتىنى يېڭى تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىگەن.