قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
1،پىروگىراممىرلار ئىنتايىن ئەستايىدىل ، ئۇنىڭ دۇنياسىدا كومپىيۇتېردىن باشقا پەقەت سىزلا مەۋجۇت .
2،ھاراق ئىچىۋالمىغان بولسىلا سىزگە قاتتىق تەگمەيدۇ .
3، بىر قۇر كىيىمنى يېرىم يىل كېيىدۇ (بۇنداق بولغاندا سىزگە كۆپىرەك كىيىم سېتۋېلىشقا پۇرسەت بار دىگەن گەپ ).
4،باشقا قىزلار بىلەن ئۇچۇرشىشقا ۋاقتى يوق ،توي قىلغاندىن سىرىت مۇھەببەتلىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
5،ھەمىشە سىمىنا قۇشۇپ ئىشلەيدۇ .
6،بىر بىلەن نۆلنىلا تونىيدۇ ، ئادەتتە ئىقتىسادى كاللىسى يوق ، شۇڭلاشقا تاپقان بارىلىق پۇللىرىنى سىزنىڭ باشقۇرشىڭىزغا تاپشۇرىدۇ .
7, دۇنيادا Bug مەۋجۇت بولمىغان پىروگىرامما بولمىغىنىدەك ، ئادەمنىڭمۇ كەمچىلىكى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا سىزگە تەلەپنى بەك قاتتىق قويۇپ كەتمەيدۇ .
8، سېستىمىنى ئاسىراپ تۇرمىسا نورمال خىزمەت قىلمايدىغىننى ئوبدان چۈشىندۇ ، شۇڭلاشقا خۇددى سېستىمنى ئاسىرغاندەك سىزنىمۇ كوڭۈل قويۇپ ئاسىرايدۇ .
9، سىزنىڭ قىلدىغان ئىشلىرىڭىزنى if … else ..if else….while…شەكىلدە رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ .
10، سىز بارىلىق نەۋرە ئىنى ، نەۋرە سىڭىلىرىڭىزغا مەغرۇر قىياپەتتە "سىلەرنىڭ بارلىق ئوقۇش پۇتتۇرۇش دىسىرتاتسىيەڭلەرنى ماڭا تاپشۇرۇڭلا !" دىيەلەيسىز .
11،كەلگۈسىدە باللىرىڭىز دەرىسنى ياخشى ئۆگەنمىسە ،باللىرىڭىزغا "ئەگەر ياخشى ئۆگەنمىسەڭ داداڭغا ئوخشاش پىروگىراممىر بولۇپ قالىسەن" دىيەلەيسىز .
12،ھەر ئايدا بىردىن كىتاب سېتۋالغىنىدىن باشقا پۇل خەجلەيدىغان ئورنى يوق ،قالغان پۇللار سىزنىڭ ھەرخىل كىيىم كېچەك ،زىبۇ -زىننەتلەرنى خالىغانچە سېتۋېلىشىڭىزغا قالىدۇ .
13، ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە كىتاب كۆرىدۇ ، بالىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ..
14،پىروگىراممىرلارنىڭ ئەقلى قابىلىيتى يوقىرى بولىدۇ ، پىروگىراممىر بولۇشنى ئويلىغان ئادەم چوقۇم ناھايتى يوقىرى بولغان ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىختىدارىغا ئىگە .
15, پىروگىراممىرلار كەمتەر ۋە خۇش پېئىل كىلىدۇ ، خۇتۇنىغا كۆيىنىشنى بىلىدۇ .
16، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ،خىزمىتى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ ، شۇڭا سىرتتىن ئاشنا تۇتىۋېلىشىدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ .
17،پىروگىراممىرلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر ئۇستىسى ، شۇڭا كومپىيۇتېرىڭىزدىن مەسلە چىقسا ، كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسىدىكى ياكى تېلفۇنىڭىزدىكى ئېسىل رەسىملىرىڭىز يوقاپ كەتسە بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ،پىروگىراممىر يولدىشىڭىز ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ .
18،پىروگىراممىرلار بەزىدە بەك يۇمۇر كېلىدۇ ، تاغدىن باغدىن سۆزلەپ كۆڭلىڭىزنى ئېچىشنى بىلىدۇ .
19،نۇرغۇن يېڭىلىقلارنىڭ بېشى پىروگىراممىرلار ، مۇھەببەتلىك ئائىلىڭىزدە ئۇ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتلاردا سىزنى ھاياجانغا سالدىغان ، بىر ئۆمۈر ئېسىڭىزدىن چىقمىغۇدەك رومانتىك ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن .
20،يېڭىدىن تۇرمۇشقا چىققاندا بەلكىم تۇرمۇشىڭىلار باياشات ئۆتۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ، ئەمما پىروگىراممىرلار ئىنتايىن ئىستىقباللىق كېلىدۇ ،دۇنيادىكى ياكى جوڭگۇدىكى مىليادىرلارنى كۆپىنچىسى IT ساھەسىدىن چىققانلاردۇر ، ئاللاھ رىزقىڭلارنى بەرسە سىزمۇ تۇيمايلا مىليۇنېرنىڭ ئايالى بۇلۇپ قالامسىز؟!! ..ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ .
مەنبەسى : ئۈندىدار (ۋېيشىن)