تېڭشۈن تورى خەۋىرى:
ئالما شىركىتى تۈنۈگۈن ئايفون ئابونتلىرىغا iOS 8.4.1 نىڭ رەسمىي نەشىرىنى تارقاتقان، بۇ قېتىملىق سىستېما يېڭىلاش بولىقىنىڭ سىغىمى پەقەت 56.6MB بولۇپ، ئاساسلىقى سىستېمىدىكى بىر قىسىم ئىنچىكە نۇقتىلارغا قارىتا ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش ئېلىپ بارىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلگىرىكى سىستېمىدا ساقلانغان "تۈرمىدىن قاچۇرۇش" يوچۇقى ئېتىۋېتىلىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سىستېما يېڭىلىنىشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:
1.ئالما مۇزىكا مۇلازىمىتى Apple Music گە قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛
2.ئالما بۇلۇت سۇپىسى iCloud دىكى مۇزىكا ئۇچۇر ئامبىرى ئېچىلماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛
3. ئالما Apple Music نى پەقەت يەرلىكتە ساقلىغان مۇزىكىلارنى قويىدىغان قىلىپ تەڭشىگەندىن كىيىن، قوشۇلغان ناخشىلار كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛
4. ناخشا تىزىملىكى يوق ئەھۋالدا، ناخشىلارنى يېڭىدىن قۇرۇلغان تىزىملىككە قوشۇش تاللانمىسىنى كۆپەيتىش؛
5. ئوخشاش بىر ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ باشقا ئۈسكۈنىلەردە ئوخشىمايدىغان قىستۇرما رەسىم كۆرسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛
6. Connect ئارقىلىق مەزمۇن يوللاشتا كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛
7. Beats 1 نى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، "ياقتۇرۇش" بەلگىسىنى باسقاندا ئىنكاس قايتۇرماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛
يۇقارقى سىستېما يېڭىلاش مەزمۇنلىرىنىڭ سىز بىلەن ئانچە چوڭ ئالاقىسى بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، iOS 8.4.1 سىستېمىسىنىڭ رەسمىي نەشىرىدە ئىلگىرى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا پايدىلانغان يوچۇق پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەن، دېمەك، iOS 8.4.1 دىن باشلاپ سىز ئايفونىڭىزنى مۇكەممەل دەرىجىدە تۈرمىدىن قاچۇرالمايسىز. شۇڭا، ئەگەر سىزنىڭ ئايفونىڭىز ئاللىقاچان تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسا، ئەڭ ياخشى ئالدىراپ سىستېما يېڭىلىماڭ.