دائىم كەچ ئۇخلىغاندا قۇلاققا قان يېتىشمەي، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا كىشى گاس بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ يامىنى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، زۇكام ۋە زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. يەنە مىجەزى ئوساللىشىپ، ئىچكى ئەزالار تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەچ ئۇخلايدىغانلار كەچلىك تاماقتىن خالىي بولالمايدۇ، بۇ تاماق ھەزىم بولمايلا قالماستىن ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇش ۋە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تېرە كەچ سائەت 8:00-9:00لاردا كۈتۈنۈش ھالىتىگە كىرىدۇ، دائىم كېچىسى ئۇخلىمىغاندا، ئىچكى ئاجرالمىلار ۋە نېرۋا سىستېمىسى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ، داغ ۋە سەپكۈن چۈشىدۇ. كىشىنىڭ سىمپاتىك نېرۋا سېستىمىسى كېچىسى ئاكتىپلىشىدىغان بولغاچقا، كېچىسى ئۇخلىمايدىغانلار كۈندۈزى روھسىز يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ بېشى قايىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىپ، ئىنكاسى ئاستىلايدۇ، ئېغىر بولغاندا نېرۋا زەئىپلىشىپ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.