سېيىت نوچىنى مەن ئاتقان
ئابدۇرېشىت سۇلايمان
بىر غايىبتىن چىقتىم ھۆركىرەپ،
شەيتان ھۇۋلار سېسىق قېنىمدا.
كۆكتىن چۇشكەن نۇر ئەمەستىم مەن،
سېيىت نوچىنى ئاتقان چېغىمدا.
بىر قۇملۇقتا يۈرەككە بەتلەپ،
نۇر ئىچىگە كىردىم ھۆركىرەپ.
ئەتىرگۈللەر ئېچىلدى يەنە،
قىزىل قاندىن پورەك-پورەكلەپ.
قىزىل، قىزىل، رەڭگى ئۆلۈمنىڭ،
نەقەدەر سۆيۈملۈك ئادەم ئۆلتۈرۈش.
ئېنىقسىز بوشلۇقتا يۈردۈم تىپىرلاپ،
بەكمۇ تەس بۇ پەيتتە قۇياشنى كۆرۈش.
ئۆلدىمىكىن دېگەنتىم ئويلاپ،
چۈشۈمدە قارىسام يۈرۈپتۇ كۈلۈپ.
ئۆلگىنى ئۇ ئەمەس ئۆزۈم ئىكەنمەن،
يۈرىمەن ھاياتتا كۈندە بىر ئۆلۈپ.