تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(3)
ساختىلىق
قاش قارايغان چاغدا، بىر كىچىك قىز كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى. غەلىتە يېرى شۇكى، قىزچاق تۇرغان ئۆينىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ھىم ئېتىلگەن، ھەتتا ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىغىمۇ قەغەز چاپلېۋىتىلگەن ئىدى. تەكشۈرۈشكە كەلگەن جىنايى ئىشلار ساقچىسى مۇنداق بېكىتتى: باشقىلار سىرتتىن ئۆينىڭ ئىچىنى مۇنداق چاپلېۋىتەلمەيدۇ، بۇ قەغەزلەرنى ئاشۇ قىز ئۆزى چاپلىغان، دېمەك، قىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
لېكىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز قىزىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلىقىنى، بۇ قىزنىڭ ھەرگىزمۇ يەڭگىللىك بىلەن ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ چوقۇم بىر سۇيقەست ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ئۇ قىزنىڭ بىر ئوغۇل دوستى بولۇپ، ئۇ يېقىندا باشقا بىر قىز بىلەن تېپىشىپ قالغان، ئۇ بۇ قىزنى ئىشىمغا كاشىلا بولىدۇ، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا سۈيقەست قىلغان.
بۇ يىگىت بۇ قىز بىلەن بىر بىنادا تۇرىدىغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۆيىدە بار ئىكەن. لېكىن ئۇ ھېچنېمىنى بىلمەيمەن دەپ تۇرۇۋالدى، ئۇ يالغان گەپ قىلىۋاتاتتى!
بۇ بىر كونا بىنا بولۇپ، ئىشىك بىلەن كېشەك ئارلىقىدا كىچىك بىر يوچۇق بار ئىدى، ۋەقە چىققان ئۆينىڭ ئىشىك بېشىدا پېچەتلەر بار ئىدى، بىنا باشقۇرغۇچى ئاشۇ كۈنى كېچىدە كىرئالغۇ ياكى چاڭ سۈمۈرگۈچنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازنىڭ ناھايىتى بوش چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان.
كېيىن ساقچىلار يىگىتنىڭ ئۆيىدىن قىزىل رەڭلىك چاڭ توزان سۈمۈرگۈچنى تاپقان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار يىگىتنىڭ قاتىللىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتنى تاپقان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىز قانداق ئۆلگەن؟