ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ھاياتتىكى قاتماللىقنى بۇزىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىللە ناخشا ئېيتىش ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، چۈنكى بۇ كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق ئورنىتىشنىڭ ئەڭ راۋان يولى.
ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان بىر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى مۇنداق چىقتى:«ئادەم بىللە ناخشا ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ۋە نەپەس رىتىمى بىرلىككە كېلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھېسسىي چۈشىنىش جەريانىمۇ ناخشا ئېيتىش جەريانىدا بىر بىرىگە يۇقۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دوستلۇق رىشتىنى ئويغىتىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«بىز خور ئېيتىش، قول ھۈنەر-سەنەت بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئىجادىي ھۆسنخەت يېزىش قاتارلىق دەرسلەرگە قاتناشقان كىشىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلدۇق. يەتتە ئاي داۋام قىلغان دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئېيتىشتى، بىراق خور دەرسىگە قاتناشقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى».