تورداشقا سۆز (تورداشتىكلەر چوقۇم كىرىڭلار )
ئەسسالام-ئەلەيكۇم،تورداشلار،كەمنە پىقىردىن سىلەرگە سالام !
مەن گۆھەرنىسا،ئۆتكەن ئاينىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى ئۇيغۇرچە تور بەتنى ئارلاۋىتىپ،بۇ تورداشلارغا كىرىپ قاپتىمەن،ئۆزۈم ئىچكىرىدە تولا تۇرۇپ كەتكەچكە بۇنداق تور بەتلەرگە ئانچە قىزىقىپمۇ كەتمەيتتىم،چۈنكى بىر نەچچە قىتىم باشقا بىر-ئىككى مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ،نەچچە كۈندىن كىينلا ئۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىق،يەنىلا ھەممە ئادەم ئۆز ئىشنىلا قىلدىغان بۇرۇختۇمچىلقتىن زىرىكىپ قاچاق ئەسكەر بولغان ئىدىم.لىكىن ماۋۇ تورداشتىكلەر ئاجايىپ جانلىق ئىكەن ئەمەسمۇ ،مەندەك كۈنلەپ تور بەت ئارلاپ چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرتمەي ئولتۇردىغان بىرى مۇشۇ تورداشقا كىرىپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ تاشلايدىغان بولۇپ قالدىم.شۇڭا بۈگۈن مۇشۇ توغۇرسىدا شەخسەن ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرىمنى ئىيتىپ تورداشتىكلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرمەكچى بولدۇم.
تورداش مۇشۇ قىسقىغىنا نەچچە كۈندە ماڭا مۇنداق تەسىر بەردى:
1.تورداشتىكى باشقۇرغۇچى ئەزالار بەكلا مەسئۇليەتچان ئىكەن.كىرگەن ۋاقتىم ئۇزۇن بولمىغان بولغاچقا ،باشقا باشقۇرغۇچىلار بىلەن تونۇشقىدەك بولمىدىم،بىراق ماۋۇ تۇزلۇق ئاكام تورداش دىسە جىننى بىرۋەتكۈدەكلا خىزىمەت قىلدىكەن،كۈندە ئون نەچچە سائەت كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ يازما تەستىقلاپ قايسى ۋاقىتلاردا ئارام ئالدىكىن تاڭ.مۇشۇ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئون نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ خەت بىسىش يامان قىيىن ئىش جۇمۇ قېرىنداشلىرىم.(مەنمۇ شۇنداق قىلشقا مەجبۇرى بولمەن بەزىدە شۇڭا بۇنى بەك چۈشۈنىمەن )بىز مۇشۇنداق باشقۇرغۇچىلارنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسەك بولدۇ.
2.تورداشتىكلەر ماڭا بەكلا سەمىمىي، راستچىل،ئىلمىي تۇيۇلدى.ھەممىمىز بىلمىز ،تور دىگەن مەۋھۇم دۇنيا،ئالدىراپ ئىشەنگىلى ياكى مەڭگۈ ئىشنىشكە بولمايدۇ.چى چى رىمغا يېڭى بىرى كىرىپ قالسا،توختىماي نوپوس ئنقلىغىلى تۇراتتى،لىكىن بۇ يەرگە كىرىگەن بىر ھەپتىدىن بىرى بىرەرى مېنىڭ نۇپۇسىمنى سۈرۈشتە قىلمىدى.(باشقىلارنىڭ شۇنداق سۇئاللارنى سورشىدىن بەك بىزار ئىدىم)قارا نوپۇس پىتى يۈرىۋەدىم. چۈنكى ماۋۇ تورداشقا بىر-بىرىدىن سەمىمىي كىشلەر يىغىلدىغان ئوخشايدۇ،سەل ھىيلگەر ،ئالدامچى كىشلەر بىر يەردە بولمىسا بىر يەردە چىىنىپ قىلىپ ،كۆپچىلىكىنىڭ ئۇر توقمىقىنىڭ نىشانى بولۇپ قالدىكەن.
2.تورداشتىكلەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسى بەك ياخشى ماسلاشقانكەن(ئەگەر ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقي تۇغۇلغان كۈننى يازغان بولسا).كۆپچىلىكنىڭ ماتىرىيالىغاقاراپ باقسام، ئالىي مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا تۇرغانلار،ئالىي مەكتەپتىكلەر،خىزىمەتكە چىققانلار ،خىزىمەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرغانلار،توي قىلغانلار،توي قىلش ئالدىدا تۇرغانلار.....بۇنداق بولغاندا چوڭلار ئۆزىنىڭ بشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ئارقلىق كىچىكلەرگە تەربىيە بىرىش رولىنى ئوينىيالايدىكەن. دۇنيادا ئەڭ تەس ئىش ئادەم بولۇش،ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى سورۇنى جەمئىيەت.تورداشلار كىشگە ئادەم بولۇشنىڭ يولنى كۆرسىتىدىكەن،كىچىكلەرگە توغرا يول باشلايدىكەن.تورداشلار ھەقىقەتەن ئادەم تەربىيەلەيدىغان كىچىك جەمئىيەت بولۇشقا مۇناسىپ كىلدىكەن.
3.تورداشتىكى يازمىلارنىڭ ئەمەليەتچانلىقى كۈچلۈك،تۇرمۇشىمىزغا تولىمۇ يىقىن ئىكەن.نۇرغۇن يازمىلار قىسقا بولغان بىلەن مەنىسى چوڭقۇر ،كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۈز بىرىپ تۇردىغان،ھەتتا ئۆز يېنىمىزدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ تۇغۇرسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمىغان تېمىلار بار ئىكەن.بەزى تېملار كىشنى بەكمۇ چوڭقۇر ئويلاندۇردىكەن.چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلىگەن بىلەن ،ئەمەلى تۇرمۇشتا ،بىزگە تېخىمۇ كىرەك بولغىنى بىزنىڭ ھەر بىر ئىشمىزغا توغرا يىتەكچلىك قىلالايدىغان كىچىك-كىچىك قائىدىلەر،تاما-تاما كۆل بولۇر دەپتىكەن كونىلار.مۇشۇنداق كىچىك ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئۆزىمىزنى قىرقىپ،ئۆزىمىزدە ئۆسۈپ قالغان ياۋا شاخلارنى كىسىپ ماڭساق ،بىزمۇ تۈپتۈز ئۆسىمىز،چوڭ داۋلىلارنىمۇ ۋاقتى-سائىتى تەبئىيلا چۈشۈنۈپ قالمىز.
4.تورداش-بىر ئىسل مۇنازىرە مەيدانى.ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ پېكىر-تەكلىپلىرىنى تارتىنماي بايان قىلشىپ،جەمئيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يوقالغان جىجىت ئولتۇرۇپ بىرەر ئىش توغۇرسىدا پېكىر يۈرگۈزۈش،كاللىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەرنى ساقلاپ قىلشىغا ياردەمدە بوپتۇ.(باشقىلار قانداقكىن ئۇقمىدىم،لىكىنزە ،شەخسەن ئۆزۈم نەچچە يىل خەقنىڭ تېللىرىنى ئۈگىنمەن دەپ يۈرۈپ ،تەپەككۇر قىلىش قابىليىتىم ئېنىق تۆۋەنلەپ كەتكەندەك،پېكىرلىرىم سەل قالايمىغاندەك ھىس قىلاتتم،چۈنكى ھەر بىر يىڭى تېل ئۈگەنسەم ئا ب سى دىن باشلايمەن ئەمەسمۇ ،يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئەمدى گەپ قىلشنى ئۈگەنگەنگە ئوخشاش..شۇڭا بۇ جەھەتتە مەن بەكرەك خوش بولدۇم)
5.تورداشتىكەرنىڭ ئىيتقان مۇقامى ھەرقاچان تۆۋەن ئاۋازدا ئىكەن.مەسلەن ،بىرەرسى مىللەت توغۇرسدا گەپ قىلسا،چوڭ-چوڭ قائىدىلەرنى ئاۋازى بوغۇلۇپ قالغىچە ۋارقىرىمايدىكەن.ھەممەيلەن مۇشۇنداق ئۆز-ئەتراپىدىكى كىچىك كىچىك ئىشتىن باشلىشىسا،بىزدە بار ناچار ئىللەتلەرمۇ يوقۇلىدۇ ئەمەسمۇ،چوقۇم سەن بۇنى قىلشمايسەن،ئۇنى قىلىشمايسەن دەپ كاركىراپ يۈرمىسىمۇ..
ئەمما ،بۇ تورداشتىكى بەزى ئىشلار سەل كۆڭلۈمگە كەلدى ،بۇ دەردىمنىمۇ تۆكۋالاي،بولمىسا ئىچىم زەرداپ بولۇپ كەتمىسۇن.
1.ئەڭ چاتاق يىرى بەزىلەرنىڭ ئىملا خاتالىقى يامان جىقىكەن،پەش-چىكىتلەرنى بولدىلا قويۇپ تۇراي.(ئەلۋەتتە ،ئۆزۈممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس)،بولسا باشقۇرغۇچىلار يىتشىپ بولالىسا مۇشۇنى تۈزۈتۈپ يوللىسا.سەۋەبىنى دىمسەممۇ ،سىز بەلكىم بۇ جەھەتتە كەمىنە پىقىرنى بىرەر يىل ئوقۇتۇپ قويالايدىغانسىز.بىچارە پەش-چىكىتلىرىمىز،قايسى بۇلۇڭلاردا پوتلا-ماڭقىلىرىنى ئىقتىپ يۈرىيدىغاندۇ بۇنى بىلىپ بولمايدۇ تېخى ...
2.تەۋىسسىيە قىلنغان يازمىلارنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتى بەك ئاستىمۇ قانداق ؟مەن قارسامغۇ چىكلىش نىسبىتى يۇقرى بولغان ياخشى يېزىلغان يازمىلار كۈندە دىگۈدەك ئۇچراپ تۇردىكەن..نىمشقىكىن ،بىلمىدىم سەۋەبىنى..
3.تۆۋەندىكىسى تېخنىكىلق مەسىللەر..مۇمكىن بولسا ئويلىشىپ باقساڭلار.ماۋۇ ناخشىلىرىمىز بىلەن يازمىلىرىمىزنى ئارقا بەتتە تەرتىپىنى ئۆزىمىز رەتلىگىلى قىلدىغان قىلغان بولساڭلار.بىرەرسى نەچچە باپلىق بىر نەرسە يوللىسا،بىر باپ بىر يەردە،بىر باپ يەنە بىر يەردە،باش-ئاخىرىنى تازا ئاسان تىپىپ بولغىلى بولمايدىكەن؛ئالبۇم دىگەندە مەشخۇلات ئىلىپ بىرىش سەل ئاۋارچىلىقكەن،مۇمكىن بولسا ئالبومدا مەشخۇلات ئىلىپ بىرىشنى ئاسانلاشتۇرساڭلار.
قېنى دوستۇم.بۇ مېنىڭ بىزنىڭ تورداش توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم،سىزمۇ ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ،تورداشنىڭ ئارتۇقچىلقىنى جارى قىلدۇرۇپ كەمچىلكىنى تۈزۈتۈشكە ياردەم بىرەيلى..
دوستلار،مۇمكىن بولسا ،تورداشنى ئۆزۈڭلارنىڭ ياخشى دوستۇڭلارغا ،ئاغىنلىرىڭلارغا تەۋىسسيە قىلىڭلار،مېنىڭچە بۇ ئەرزىگۈدەك بىر مۇنبەر...دوستىڭىز بۇنىڭدىن ئادەم بولۇشنىڭ كىچىككىنە توغرا يولىنى تىپۋالسا ئەجەپ ئەمەس........