ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
شىياۋمى 4i يانفونى ئالدىنقى ئايدا ھىندىستاندا ئېلان قىلىنغان، ئەينى ۋاقىتتا، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغىنى يانفوننىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى شىياۋمى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لېيجۈننىڭ «Are you ok» دىگەن بىر ئېغىز سۆزى بولدى دېيىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە تارقالغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شىياۋمى 4i يانفونى ئۇزۇنغا قالماي ئاسىيادىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلار بازىرىغا كىرگۈزۈلىدىكەن، قېنى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى.
شىياۋمى 4i پات-ئارىدا شىياڭگاڭ ۋە سىنگاپور بازىرىغا كىرىدۇ
شىياۋمى شىركىتى 4i يانفونىنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى شىياڭگاڭ ۋە سىنگاپور بازىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن يەنە تەيۋەن، ھىندۇنىزىيە ۋە مالايسىياغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. سېتىلىش باھاسىغا كەلسەك، شىياۋمى 4i نىڭ شىياڭگاڭدىكى سېتىلىش باھاسى 205 دوللار (خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1272 يۈەن)، سىنگاپوردىكى سېتىلىش باھاسى 210 دوللار (خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1303 يۈەن) بولىدىكەن.
شىياۋمى 4i يانفونى ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستاندا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 40 مىڭ دانە يانفون 4.2 سېكونت ئىچىدىلا سېتىلىپ تۈگىگەن، قارىغاندا ھىندىستانلىق دوستلارنىڭ شىياۋمى يانفونىغا بولغان قىزغىنلىقى جۇڭگولۇقلاردىن ئازراقمۇ قىلىشمايدىكەن. بىراق، شىياۋمى 4i باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا شۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشەلەمدۇ-يوق بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دىگىلى بولمايدۇ.