تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نىكاھ بىر ئادەمنىڭلا دۇنياسى ئەمەس

نىكاھ بىر ئادەمنىڭلا دۇنياسى ئەمەس

ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېرى ھەمىشە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يېڭى دوستلىرىغا پەخىرلەنگەن ھالدا «بۇ مېنىڭ مېھرىبان، چىرايلىق ئايالىم» دەپ تونۇشتۇراتتى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ قالاتتى.

بىر كۈنى بىر دوستى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ نىكاھ جەھەتتىكى بەختسىزلىكىنى ۋايسىغىلى تۇردى، ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيدە دېرىزىلەرنى دائىم ئىچىۋېتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى، ھەمىشە ئېرى بايقىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېرىزىنى ئوغرىلىقچەيېپىۋىتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ دائىم ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ ھېچقانداق گەپ قىلماي، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇ دوستىنى كۇتۇپخانىسىغا باشلاپ كىردى. كۈتۈپخانىدا ناھايىتى يوغان بىر پارچە رەسىم ئېسىقلىق بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈشى شاڭخەينىڭ داڭلىق پۇتبول مەيدانى ئىدى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ بەختلىك بېقىشىپ چۈشكەن سۈرىتى ئىدى، دوستى ئۇنىڭدىن «سەن پۇتبولنى ياخشى كۆرەمسەن؟» دەپ سورىدى، ئۇ ئاستاغىنە «ياق، مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرمەيمەن، پەقەت كىتاب ئوقۇش ۋە گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە دوستىنى ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە باشلاپ كىردى، ئىشىكنى ئېچىۋىدى كۆز ئالدىدا ئىنتايىن قىزىقارلىق كۆرۈنۈش پەيدا بولدى، ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىگە رونالدونىڭ رەسىمى ئېسىقلىق ئىدى. ھەتتا ياستۇق لۆڭگىسىدىمۇ پۇتبولنىڭ سۈرىتى بار ئىدى، ئۇنىڭ دوستى تېخىمۇ ھەيران قالدى، «سەن پۇتبولنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ئۆيۈڭنىڭ ھەممە يېرىنى خۇددى پۇتبول مەيدانىدەك ياسىۋالدىڭ» دەپ سورىدى، ئۇ يەنىلا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن «ئېرىم ياخشى كۆرىدۇ»دېدى. 

بۇ قېتىم ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:« ئويلاپ باق، بىر پۇتبول ئۈچۈن سەن بىلەن نۇرغۇن كېچە-كۈندۈزلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇنلىغان بوران چاپقۇنلىق كۈنلەردە ساڭا ھەمرا بولغان ئەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش ئەرزىمدۇ؟» دېدى.

ئۇ قايسىبىر ھېكايىدە ئېتىلغان نىكاھ توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى ئەسلەپ «نىكاھنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ھەر ئىككى ئادەمگە باغلىق، ئەگەر مەغلۇپ بولسا يەنە بىرەيلەننىڭمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ. دۇنيادا مۇتلەق بەختكە تولغان نىكاھ يوق، پەقەت چەكسىز كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتىن كېلىدۇ» دېدى. 

ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ دوستى بالدۇرلا دېرىزىلەرنى ئېچىپ، دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى، ئىككىنچى كۈنى ئېرى ئىشقا ماڭىدىغان چاغدا ئۇنىڭ دوستى ئاخىرى ئېرىنىڭ ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن تەبەسسۇمىنى كۆردى، ئاشۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئەۋەتكەن بەش قېتىملىق قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدى، بۇنىڭ ھەممىسىلا ئوخشاش بىر سۆز يەنى «مەن سىزنى سۆيىمەن» يېزىلغان ئىدى. 

ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نىكاھتىكى مەغلۇبىيىتى قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى نىكاھنىڭ ئەزەلدىن پەقەت بىر ئادەمنىڭ دۇنياسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. بىر ئايال ئېرىنىڭ خورەك تارتىشقا ماسلىشالماي يۈرۈپ ئادەتلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ خورەك ئاۋازى بولمىسا ئوقۇيالمىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ، مانا بۇ نىكاھ.  بىر ئەر ئايالىنىڭ تەتۈر، بىشەملىك ھەتتا سەۋەبسىز جېدەللىرىگە كۆنۈپ كېتىدۇ، مانا بۇ نىكاھ. نىكاھنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، ئاشۇ ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ ساقلانغانلىقىدا، نىكاھ پەقەت بىر ئادەمنىڭلا دۇنياسى ئەمەس. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز