تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يۈرەكتىكى توكسىننى ھەيدەش ئانچە تەسمۇ ئەمەس

يۈرەك بەدىنىمىزدىكى رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى، يەنى ئۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەزا، شۇڭا يۈرەككە جايلىشىۋالغان توكسىنلارنى ھەيدەش ۋە توكسىن ھەيدەشنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە چۈش سائەت 11:00دىن 13:00كىچە بولغان ۋاقىتتا يۈرەك ئەڭ كۈچىيىدۇ، بۇنداق چاغدا يۈرەكنى ئاسرايدىغان ۋە يۈرەكنىڭ توكسىن ھەيدىشىگە ھەمدەم بولىدىغان پالما مەرىزى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، سېرىق پۇرچاق، كۈنجۈت، كىچىك چىلان ۋە نېلۇپەر ئۇرۇقى يەپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە مۇنداق ئىشلارنى قىلىش تولىمۇ مۇھىم:

قىرتاق بىلەن توكسىن ھەيدەش

 ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسە نېلۇپەر ئۇرۇقى، بۇ نەرسىنىڭ تەمى قىرتاق، يۈرەكتىكى ئوتنى باسىدۇ، گەرچە تەبىئىيتى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن بەدەننىڭ مۇسبىيلىكىگە زىيان سالمايدۇ، شۇڭا ئادەملەر ھازىرغىچە بىلگەن يۈرەكتىكى توكسىننى ھەيدەيدىغان ئەڭ ياخشى نەرسە. نېلۇپەر ئۇرۇقى بىلەن چاي دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ، ناۋادا ئۇنىڭغا بامبۇك يوپۇرمىقى ياكى خام چۈچۈكبۇيا قوشۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

پەللىنى بېسىپ توكسىن ھەيدەش

يۈرەكنىڭ توكسىن ھەيدىشىگە ھەمدەم بولىدىغان بۇ پەللە «شياۋفۇ پەللىسى» دېيىلىدۇ، ئورنى ئالقاندا، نەق 4-، ۋە 5- ئالقان سۆڭىكىنىڭ ئوتتۇرسىدا، مۇشت تۈگكەندە جۈپلەشكەن چىمچىلاق بىلەن نامسىز بارماقنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ پەللىنى باسقاندا سەل كۈچەش تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنە ئىككى قولنى ئالماشتۇرۇپ بېسىشقا توغرا كېلىدۇ.

كۆك پۇرچاق بىلەن توكسىن ھەيدەش

كۆك پۇرچاق سۈيدۈك ھەيدەش ۋە ئىسسىقنى تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن يۈرەكتىكى توكسىنى پارچىلاپ بەدەن سىرتىغا ھەيدەيدۇ، ئەمما كۆك پۇرچاقنى سۇنۇق ھالەتتە سۇيۇق ھالەتتە، يەنى كۆك پۇرچاق قىيامى ياكى كۆك پۇرچاق شورپىسى قىلىپ ئىچىش كېرەك، ئۇنى شۇ پېتى يېگەننىڭ پايدىسى كۆپ بولمايدۇ.

 

 

 «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى




ئەسلى مەنبەسى: www.nur.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز